Lyrics: Elyar Akbar
Music: Elyar Akbar
مىنىڭ بىلەن ياشايمەن دىسەڭ
سەن ۋەدەڭدىن يانماس بۇلۇپ كەل
ئايلانساممۇ سەۋداغا بىر كۈن
ئاشىغىم دەپ تانماس بۇلۇپ كەل
سىناقلىرى كۆپ بۇ ھاياتنىڭ
ھەر قىسمەتنى كۈرۈش ئۈچۈن كەل
شاتلىغىمغا كۈلۈشنى بىلسەڭ
ئازابىمغا كۈنۈش ئۈچۈن كەل
مىنىڭ بىلەن ياشايمەن دىسەڭ
ئال قەدەمنى كەتمەس بۇلۇپ كەل
يات ئىشىكى ئالتۇن بولسىمۇ
مىنىڭ ئۈچۈن چەكمەس بۇلۇپ كەل
مەن يوق يەردە مەن باردەك ياشاپ
ئەيىپىمنى ئاچماس بۇلۇپ كەل
خىيانەتكە باشلىسا كۆڭلۈڭ
ۋىجدانىڭنى ساتماس بۇلۇپ كەل