مۇھاببەت
ئارىمىزدا يوق ئىدى داۋان،
سىرىمىزنى ھىچ ئىيتالمىغۇدەك
مەنمۇ بىئىلاج سەنمۇ بىئىمكان
سۆز بارمۇ ئېيت ئەمدى قىلغۇدەك.
نېمىلەرنى قىلغانسەن خىيال
يۈرگەندىمەن مەنمۇ نە كويدا.
سىرداشمىدۇق نىچۈن بىمالال،
ئىزلىرىمىز قالغان يولدا.
سەن ھىجرانغا باغرىڭنى ياقتىڭ،
مەنمۇ بىر يارغا خۇش كۈلۈپ باقتىم.
سەنمۇ دەردىڭدە سەل بولۇپ ئاقتىڭ،
مەنمۇ تۇرمۇشنىڭ قوينىغا پاتتىم.
ئىزدىمەپتۇق ۋىسالغا پۇرسەت،
ئەمدى دىلنى كۆيدۈرۈپ ھەسرەت
خەيىر گۈلۈم بۇمۇ بىر ھىكمەت،
بىزگە ئارمان مۇھاببەت.
نېمىلەرنى قىلغانسەن خىيال
يۈرگەندىمەن مەنمۇ نە كويدا.
سىرداشمىدۇق نىچۈن بىمالال،
ئىزلىرىمىز قالغان يولدا.