Lyrics: Tohti Sabir
Music: Tohti Sabir
Sozi : sulgunning
Mozikisi :Tohti sabirning
midi : Mamtimin mamut
يار كېلىپ خانەمنى قاقتى بۇ كېچە
مۇزلىغان كۆزنەكنى چاقتى بۇ كېچە
يار كېلىپ خانەمنى قاقتى بۇ كېچە
مۇزلىغان كۆزنەكنى چاقتى بۇ كېچە
قاپقارا قاشى تىغىنى ئوينۇتۇپ
رەنجىگەن ئەلپازدا باقتى بۇ كېچە
شەپىسى يوق چاغدا يارنىڭ بۇ يۈرەك
بولسىمۇ ناخوشكى ساقتى بۇ كېچە
شەپىسى يوق چاغدا يارنىڭ بۇ يۈرەك
بولسىمۇ ناخوشكى ساقتى بۇ كېچە
ۋەسلى دىدارئۇ لېكىن نېمجان ۋۇجۇت
ھەتتاڭەي يىگانە تاقتى بۇ كېچە
نۇر ئارا بەستى سىياقى بەرق ئۇرۇپ
لەخشىدەك باغرىنى ياقتى بۇ كېچە
سۈبھىنىڭ ھۆسنىگە مەپتۇن ئىنتىزار
بىغۇبار قانىمدا ئاقتى بۇ كېچە
قاپقارا قاشى تىغىنى ئوينۇتۇپ
رەنجىگەن ئەلپازدا باقتى بۇ كېچە
جەم بولۇپ بىر يەرگە سۇلغۇن لەھزىلەر
چاقنى دى پەرۋانە ۋاقتى بۇ كېچە
جەم بولۇپ بىر يەرگە سۇلغۇن لەھزىلەر
بىغۇبار قانىمدا ئاقتى بۇ كېچە
بۇ كېچە