كېچە بېرىپ مەھەللەڭگە
ساراڭدەك ناخشا ئېيتىمەن.
پەرۋانىدەك ئىنتىلىپ
ۋەسلىڭگە قاچان يىتىمەن
مەيلىڭ بولسا چىقمامسەن
يەلپۈندۈرۈپ ساچىڭنى
ئىيتقىڭ بولسا ئىيتمامسەن
كۆڭلۈڭدىكى سىرىڭنى
ئاسماندىكى قۇش بولۇپ
قونسام يارنىڭ بېشىغا.
سارغىيىپ دەرد تارتقۇچە.
كەتسەم يارنىڭ قېشىغا.
مەيلىڭ بولسا چىقمامسەن
يەلپۈندۈرۈپ ساچىڭنى
ئىيتقىڭ بولسا ئىيتمامسەن
كۆڭلۈڭدىكى سىرىڭنى