Lyrics: RiTSAR
Music: RiTSAR
Arranger: KSC
Hook :
ئاچكۆزلۈك تۈگەتتى ئادەم بولۇشنى ،
مۇھتاجلىق ئۆگەتتى ئادەم تونۇشنى .
ھېس قىلدىم ئاخىرى بەكلا كېچىكىپ ،
كىملەرنى قەدىرلەپ كىمنى ئۇنتۇشنى .
VERSE 1 :
كەمىنە دونكىخوت دەلتە قىمارۋاز ،
ياشلىقتا بىرە قېتىم ئۇتۇپ باقمىغان .
قاناتلىرى قايرىلغان قارلىغاچ كەبى ،
ئاسماندا ئېگىزرەك ئۇچۇپ باقمىغان .
تونۇشلارنىڭ ھەممىسىنى دوستۇم دەپتىمەن ،
قانچىسى بىللە ئازابىمغا بەرگەنتى بەرداش ؟؟
ئىزچىل بىراۋلارنىڭ غېمىنى يەپتىمەن ،
مۇھىم پەيتتە سىنالدى دوست بىلەن ئاداش .
ئەزەلدىن ئاتىلىپ مۇلايىم يۇۋاش ،
چوڭ بولۇپ ئۆزگەردىم ئاجايىپ بەڭۋاش .
ئالدىمدا سىرداش يېقىنىم بولۇۋېلىپ ،
ئارقىمدىن خەنجەر سانجىغىنى لالما ئىتقا تەڭداش !
تۈلكىلەرنىڭ پىلانى توشقانلارنى قوغلاش ،
مەرگەنلەرنىڭ نىشانى يولۋاسلارنى ئوۋلاش .
ئەركەكلەرنىڭ بۇرچىدۇر ئائىلىسىنى قوغداش ،
ھەممىدىن ئېغىر سىناقلار ئۇلار ئۈچۈن تاۋلاش !
ئالدىڭدىكى قۇلۇلە كەينىڭگە ئۆتەپ چايان !
ھەركىمنىڭ مەقسەت مۇدداسى كۆڭلىگە ئايان .
ھەممىمىز ئوخشاش يولۇچى بۇ سەپەر قايان ؟
ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۆز كۈچۈڭگە تايان !!
ساختىپەزگە ئالدىنىپ خاتا كەتكەن مېھىرلەر ،
مۆجىزىگە تەلمۈرۈپ يۈز بەرمىگەن سېھىرلەر .
ئىگىلىپ قولنى تەڭلىسەم غادىيىپ كەتكەن كىبىرلەر ،
مۇھتاجلىقنىڭ دەردىنى ھېس قىلمىغان نىم بىلەر…
كەلگۈسۈم قاراڭغۇ ئۆتمۈشۈممۇ ئەمەس يورۇق ،
نىشانىم « مىليونىر » ئەمما ھازىر يانچۇق قۇرۇق .
ھاياتىمنى ئىسراپ قىلىپ ئوخشاپ قالدىم ئەڭ ئاخىرىدا ،
مۇنبەت تۇپراققا چېچىلغان ..... گىياھسىز ئۇرۇق !
Hook 2 :
ئاچكۆزلۈك تۈگەتتى ئادەم بولۇشنى ،
مۇھتاجلىق ئۆگەتتى ئادەم تونۇشنى .
ھېس قىلدىم ئاخىرى بەكلا كېچىكىپ ،
كىملەرنى قەدىرلەپ كىمنى ئۇنتۇشنى .
VERSE 2 :
ئېتىزلىقتا ئولتۇرىمەن روھىم چۈشكۈن ھالىم خاراب ،
ئېغىر كۈنلەر تەستە ئۆتتى كەيىپ بولدۇم ئىچمەي شاراب .
تاماكا چەكمىدىم ئەمما ئاچچىق يۈتۈپ ئازاب شوراپ ،
قولامدا كونا ئەسكى بەلچە بىرتەرەپتىن جۈسەي ئوراپ .
ئۆزەمنى قەتئىي ئاسرىماي كاردىن چىقتى ساغلاملىق ،
بىر چۈشتىن كىيىن مىختەك ئوتراپ ئالدىم يەتمىش باغلاملىق .
يولنىڭ بويىدا يايما ئاچتىم بەشنى ساتتىم تۆت كوي ،
ئۆزەمگە دەيتىم پىچىرلاپ : « توۋلاپ ساتە دۆت گۇي » .
بۈگەن بازار بوشراق شۇڭا تۈزۈك سودا بولمىدى ،
3,4 سائەت ئوتراپ قوپاپ يانچۇق پۇلغا تولمىدى .
باشقۇرغۇچى خادىملار كېلىپ ئانچە-مۇنچە قوغلىدى ،
ھەر تەرەپكە قېچىپ ساتتۇق خەلق بىزنى قوللىدى .
دوختۇرخانىغا يول ئالدىم دادام كىسەل كارىۋاتتا ،
ئانام ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنى يالغۇز باقماقتا .
دادام بىچارە تۆمۈر كەبى ئۆمۈر ئىشلەپ ھاردۇق يەتتى ،
بەل پۇتلىرى ئېغىر ئاغرىپ بالنىستا ياتماقتا .
ئۆيگە قايتتىم كەچلىك تاماق قاتتىق نان بىلەن قىززىق چاي ،
بالدۇرلا ئارام ئالدىم يوتقۇنۇم ئەڭ ئىللىق جاي .
سەھەر تۇرۇش چوڭلىرىمىزنىڭ بەك گۈزەل ئادىتى ،
ئەتىگەندە باشلانغان ئىشنىڭ بولىدۇ بەرىكەت ئامىتى .
بىرنى ئەسنەپ كېرىلىپ كەيدىم مايكا ئىشتاننى ،
يۈزۈمنى يۇيۇپ ناشتا قىلىپ بالدۇر ئاچتىم ئىشخانىنى .
كومپىيوتېرنى قوزغىتىپلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم ،
ئاتا-ئانام ئائىلەم تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەتتىم .
چۈش بولغىچە كونۇپكا تاختا ئىكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،
بۈگەنكى ۋەزىپەمنى كالىدەك ئىشلەپ تولدۇرۇپ .
كۆزەم بەكلا چارچىدى ، تاماقنى ئالدىم ياخشى بولاپ ،
جەڭگىۋار چىكەتكەمنى ھەيدەپ ئېتىزغا ماڭدىم ناخشا توۋلاپ .
مەن كەسپى رەپچى ئەمەس ئاددىي بىر دېھقان ئوغلى ،
شۇڭىلاشقا تېكىستلىرىمدە ئېتىزلىقنىڭ پۇرىقى با .
يالغانچىنى ياقتۇرمايمەن ئاران تۇرىمەن ئاغزىغا ئۇغىلى ،
پەرۋىش قىلغان كۆچەتلەردە Old school نىڭ ئۇرىقى با…
X2