Guli rana / 古丽热娜

Lyrics: halik Music: halik Arranger: Dilmurat Abdusalim  يارىمنىڭ قارا ساچى ۋاي گۈلى رەنا  چۈشۈپتۇ زىناقىغا ۋاي گۈلى رەنا  ئايلىنىپ كېتەلمەيمەن ۋاي گۈلى رەنا.   بىر باقسام سىياقىغا ۋاي گۈلى رەنا.   مەن مەھەللەڭگە بارمايمەن ۋاي گۈلى رەنا.   مەھەللەڭنىڭ گېپى يامان ۋاي گۈلى رەنا.   ئايرىلىپ كېتەي دېسەم ۋاي گۈلى رەنا.   سېلىپ قويغان ئوتۇڭ يامان، ۋاي گۈلى رەنا.   گەپ ئۆگەتتىم شاتۇتقا ۋاي گۈلى رەنا.   بىز مۇساپىر بۇ يۇرتقا ۋاي گۈلى رەنا.   مۇساپىركەن دەپ قالما ۋاي گۈلى رەنا  بىزمۇ كېتىمىز ئۆز يۇرتقا ۋاي گۈلى رەنا.   قارا قارا يەي قارا قارادۇر.   يۈرەك باغرىم باغرىم يارادۇر  ساق قايتمىسا ياردىن كۆڭلۈم قالادۇر  قارا قارا قاشلىرىڭ.   يەلپۈنىدۇ ساچلىرىڭ.   ساڭا نېمە دەرت كەلدى  تۆكۈلىدۇ ياشلىرىڭ.