Lyrics: Alxir
Music: Alxir
Arranger: Alxir
سەۋەب بولغان دۇنيادىنمۇ مېھىر كۈتۈشۈمگە .
لېكىن ياردەم بېرەلمىدى بۇ تۇرمۇشقا كۆنۈشۈمگە .
تۈن كېچىدە سوغۇق تەرلەپ ئويغانغىنىمدا .
تەبىر بەرگىن جېنىم مانا مېنىڭ چۈشۈمگە .
شۇ تۈپەيلى كەيپنى كىچىك تۇرۇپلا تارتقان .
دەپتىرىمگە سىياھ تۆكۈپ قاپىرىپ ، كەتكەن ئالقان .
ھاياتنى كىنوغا چاتقان تۇرمۇش يىلاندەك چاققان.
ئەينى ۋاقىتتا ئويۇنغا كىرىشىپ ئۆزۈمگە بالانى تاپقان .
رومكىنى توشتۇرغان تېشىپ كەتكۈچە .
دەردلىرىمگە دەرمان بولۇپ ئېلىپ كەتكۈچە .
بېشىم قېيىپ ، كەيىپ بولۇپ كۈلۈپ كەتكۈچە مەن .
ئۇنتالمايمەن سىماسىنى ئۆلۈپ كەتكۈچە .
دەرت پەرياد نېمە كۈن بۇ ، ئۆزى ئۆزۈمگە بالا تېپىپ .
كۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كەتتى ھاراق ئىچىپ .
دەرت بەريات كۈندە كەچتە كۆڭلۈم ، خاراب يىغلاپ يېتىپ .
خۇمسى چىقتى ئاغىنەممۇ تاشلاپ كېتىپ .
ئۆتۈپ كتىدۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەممىسى ئۆتۈپكېتىدۇ ئوزۇن بولدى مۇشۇنداق دەپ ياشاۋاتقىنى ، توۋا .
ھېلىمۇ ئاز ئەمەس ، باشدىن ئۆتكەن كۈنلىرىم .
قالغان چاغدا قىيىنچىلىققا چىقماي قالغان ئۈنلۈرۈم.
پۇلسىز بولۇپ تۇرمۇش غېمى چۆككەندە .
تونالايسەن ئاغىنەڭنى سەندىن كېچىپ مۆككەندە .
كىم بىلىدۇ تېخى كىم كىمنى تونۇيمەن .
بەك تىرىشتىم بولدى تەقدىرىمگە بويسۇنىمەن .
ھايات دېگەن كىنومۇ ياكى كىتابمۇ بىلمىدىم.
پۈتۈن نەرسىنى كۆرسىتىدىكەن تۇرمۇش دېگەن ، بۇ نېمە
دەرت پەرياد نېمە كۈن ، بۇ ، ئۆز ئۆزۈمگە بالا تېپىپ .
كۈنلىرىممۇ ئۆتۈپ كەتتى ھاراق ئىچىپ .
دەرت پەرياد ، كۈندە كەچتە ھالىمغا قاراپ يىغلاپ يېتىپت.
خۇمسى چىقتى ئاغىنەممۇ تاشلاپ كېتىپتۇ .