ئۆزگە باققا كۆز سالماڭ
ئۆز بىغىڭدا گۈلزارىڭ
نىمە تەشۋىش ئالامدە
تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس
قازىنىدا ۋاپانىڭ
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە
ئەتىراپىڭدا ئۆز يارىڭ
پىچاق كەسسە قۇلۇڭنى
ھىچكىم ئۇندا تاڭالماس
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا يارىم
ھىچكىم ئۇنداق ئالالماس
يۈلەپ يۈلەپ بىر ئۆمۈر
بۇلۇپ قالساڭ ماڭالماس
نىجاتلىقى بار سەن ئۈچۈن
ياققان شامدا ئۆز يارىڭ
يۈگىرەپ چىقار ئالدىڭغا
قايتىپ كسەڭ سەپەردىن
ئىسىلىدۇ بۇڭنۇڭغا يارىڭ
ئامان كەلسەڭ خەتەردىن
يامام كۈن يۇق ئالەمدە
يارسىز بۇيتاق ئۈتەردىن
تۈنەپ چىققان سەن بىلەن
ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ
چىنىسىدىن ئىلغايدۇ
قىيمىسىنى چىنەڭگە
ئاچ قالغاندا بىچارە يارىڭ
بىللە چىقار بىنەمگە
باي بۇلغاندا ياتقۇزۇر
ئاۋال سىنى گىلەمدە
تۇلغۇنىسەن راھەتتە
ئۇيغاتقاندا ئۆز يارىڭ