Muhabbat Koqisi《爱情之街》

Lyrics: Muhtar Bughra مۇھەببەت كوچىسى بۇ كوچىغا كىملەر كىرمىگەن ساقلا كىرىپ بولىسەن مەجنۇن قار ياغسىمۇ ئۇستى بىشىڭغا يۈرىكىڭنى ئۆرتەيدۇ يالقۇن شۇنداق كوچا سۆيگۈ كوچىسى لەۋ ئارلىقى شۇنچىلىك يىراق سەن كۆيسەن باشقا بىرسىگە باشقا دىلدا باشقا بىر پىراق مۇھەببەتنىڭ كوچىسى بەك تار يوقلاپ كىلەر بىر ئىسسىق شامال سەن خىلۋەتتە ئازاپ چەككەندە باشقا بىرى كۈلىدۇ خۇشال