Soyumluk Rakip

Lyrics: Mirzat Music: Mirzat Arranger: Mirzat بىز سۆيگۈدىن يازدۇق ھېكايە ئەپسۇس ، بېتى قۇرلىرى غۇۋا بىز تونۇشقان تىمتاس كوچىدا كۆزلىرىمدىن بولدۇڭ سەن جۇدا رەستە ئارىلاپ چىقتىم تالاي رەت سىمايىڭنى بىر كۆرەلمىدىم ۋىسالىسىزلىق جاننى قىينىدى ھىجرانىڭدا يا ئۆلەلمىدىم نە سەۋەبلەر باردۇر بىلمىدىم يالغۇزلۇققا مەن كۆنەلمىدىم دىلىنى باسسا كەلكۈندەك ئازاب مۇرادىمغا يا يېتەلمىدىم خەۋەر بېرىپ تاڭ ساباسىدىن ھاياتىڭغا ھېچ كىرەلمىدىم سۆيدۈم سېنى خۇدۇمنى بىلمەي نىتەي ئۆزۈم سۆيىلەلمىدىم بولغىنىمدا ۋەسلىڭگە تەشنا قىلىپ قويدۇڭ مېھرىڭنى تەقىپ ساختا سۆيگۈ سۇنغان ئىكەنسەن بولۇپ قالدىڭ سۆيۈملۈك رەقىب سۆيۈملۈك رەقىب