Lyrics: HANTIR
Music: HANTIR
Arranger: HANTIR
ئاشىق بولدۇم مەن سىنىڭ يۈزلەرىڭگە
ئاشىق بولدۇم مەن سىنىڭ كۆزلەرىڭگە
ئاشىق بولدۇم مەن سىنىڭ لەۋلىرىڭگە
ئاشىق بولدۇم ئاشىق بولدۇم ئاشىق بولدۇم ئەي
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
ئەي كۆردۈم مەن سىنى كوچا بويىدا
قارىمايلا كەتتىڭىزغۇ بارمۇ نىمە ئويىدا
كۈزەمگە قاراڭ ئېي ئانچە مۇنچە ماراڭ
كۈزىڭىزنى تۇتۇپ ساناڭ سىزگە كۆيگەن مەن ساراڭ
ئىگىز شاخمۇ شاخ ئىكەنغۇ يۈرەكىڭىز سەزدىمۇ
يۈرەكىمدە سىزلا بارغۇ يۈرەكىڭىز سەزدىمۇ
سىزنى دەپ رومكا ئالسام قۇلۇمغا گەر جانان
سەييا ھەتتا پۈتۈن جاھان ھەممىسىنى كەزدىمغۇ
لالە بوستان ئىچىدە مەن سىز جاناننى تاللىدىم
مەپتۇن بولغاچ يۈرەكىممۇ سىزدىن باشقىغا قارمىدىم
ئۆگزىڭىزگە قاق سالاي مەن يۈرەكىڭگە ئوت سالاي
قوي ۋە كالا ئاچ قالمىسۇن دەڭ ماڭىلا ئوت سالاي
سىز ئۈچۈنلا مەڭگۈگە بولاي مەيلى لەيلى
بالىمىزنىڭ ئىسمىنى پەرھاتلا دەيلى
بىر ئائىلە بەخىتلىك بوپ بىر ئۈتەلدە تاماق يەيلى
قىش پەسلىدە سەييادىلا قىلىمىزغۇ سەيلى
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
ئاغۇم با مىنىڭ سىزنى ئاغۇم با
مەلىڭىزدە دۇتتۇرىمنى بەكلا چاغۇم با
كىلىڭ سەيلى قىلايلى مىنىڭ باغىمدا
ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈن سىز مىنىڭ يادىمدا
ھويلىڭىزدا كۈلگىنىڭىز قۇلاقىمغا ئاڭلاندى
تۇنجى كۆرگەن كۈنۈمدە رىشتىمىز ھەم باغلاندى
گۈلۈمنىڭ قىزىلى يۈرىكىمنىڭ ئىسىلى
مىنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ مەڭزىسىدە قىزىلى
گۈلۈم گۈلۈم پەقەت مىنىڭلا بۇلۇڭ
مەنلا بۇلاي ھاياتىڭدا خۇش بەخىتكە تۇلۇڭ
ئايرىلمايلى مەڭگۈگە دەپ بىر ئائىلە قۇرايلى
گەر خالىساڭ چوڭلا بىلەن بىرلىكتە تۇرايلى
يەي دىسىڭىز ياڭاق بادام سىز ئۈچۈنلا تەيياغۇ
كۆڭلىڭىزنى بىلەي دىمەڭ خۇددى ئوخشاش دەرياغۇ
شاتلىق بىلەن خۇشاللىق تائابەتكە بولسۇن
كىلىڭ جېنىم قاشىمگە ئائىلىمىز بەخىتكە تولسۇن
سىنى سۈيۈپ مەن قانمايمەن
سەندىن ھەم مەڭگۈ تانمايمەن
يانىمدا بولغىن مەڭگۈگە
چىڭ تۇرايلى ھەم كەلكۈندە
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
يۈرىكىمنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكىمسەن
بىلىكىمنىڭ ئىچىدىكى كۈچ مادارسەن
كۆككە ئۇچسام ھەمراھ ماڭا قاناتىمسەن
يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن يۈرەكىم سەن
سىنى سۈيۈپ مەن قانمايمەن
سەندىن ھەم مەڭگۈ تانمايمەن
يانىمدا بولغىن مەڭگۈگە
چىڭ تۇرايلى ھەم كەلكۈندە