Kutalamsan

Lyrics: Jappar Amat Music: Senuber Tursun ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم كۆپتۇر، ئېيتالمايمەن لېكىن ھەممىنى. سورىۋالاي ئايرىلىش پەيتتە، كۈتەلەمسەن مەڭگۈگە مېنى.
كۈتەلەمسەن ھىجران دەشتىدە، يىللار ئەگەر بولسا بەك ئۇزاق. قۇندۇز چېچىڭ بۇغدا تىغىنىڭ، قارلىرىدەك بولۇپ كەتسە ئاق.
كۈتەلەمسەن نىھال قامىتىڭ، قېرىلىقتىن كەتسە مۈكچىيىپ. پېشانەڭگە قورۇقلار كىرىپ، ئالما رەڭگىڭ كەتسە ئۆزگىرىپ.
كۈتەلەمسەن تەنە تاپىدىن، دىلىڭ يارا بولسا ھەر كۈنى. مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى تۈگەپ، قالسا ئەگەر بىر تال ئۇچقۇنى.