Ozum Uchun

Lyrics: 3 Rang/Mr·Elyas Music: 3 Rang/Mr·Elyas Arranger: Mr·Elyas ئۆزۈم ئۈچۈن ، ئۆزۈم ئۈچۈن . ئەمدى ياشاي ئۆزۈم ئۈچۈن . ئۆزۈم ئۈچۈن ، ئۆزۈم ئۈچۈن . يېڭىچە باشلاي ھەممىنى ئۆزۈم ئۈچۈن . كۆمۈۋېتەي خاتىرەمنى بۇ تۇمانغا . ئاتاي ھەممە ياخشى نەرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن . ياشاپ كەلدىم 20 يىللىق دۇنيادا . قېنى كىمگە قىلىپتۇ ۋاپا يانا . ئاھ ، ئۇرمايمەن ئۆزۈم تاللىغان يولۇم بۇ ئېچىلمايمەن ھەم ھايات مېنى ئەسسىمۇ . رازى بولۇپ ھەممىدىن . يەنە مەغرۇر يۈرىمەنغۇ مەيلىغۇ ئۆگىنىۋالدىم ئللىق كۈلۈشنى . كۈلۈپ تۇرۇپ ئەلەم يۇتۇشنى . ئىختىيارسىز ئاقسا ، ياش . كۆزۈمگە قۇم شىۋىرغان كىرىپ كەتتى دېيىشنى . ئۆزۈم ئۈچۈن . ئۆزۈم ئۈچۈن . ئەمدى ئالار قەدەملىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن . يۈرۈكۈم لىققىدە ئاچچىق گەپلىرىم . كىم دەتمەن دېسە كۈلىۋېتە دەدلىرىم . كېلىۋەرسە نى قىسمەت . كۆرىمەن پىشانەمدىن . ئىشتا بار ، بىر ھېكمەت . تەسەللىي مەن ئۆز ئۆزۈمدىن . سامادىكى بۈركۈتمۇ قارىسا چۈشەر يەرگە . مەنمۇ سالاي ھارغىن ئارامىمنى كەڭرى دالدەك يەرگە . كۆڭۈلچەك كۆڭلۈم كۆڭۈل دەپلا يۈرەمدۇ ئايىماس بولدى كۆڭلۈممۇ ئۆزۈم دەپلا سۆزلەيدۇ . ئازاپ چەكسە ئاچچىق دۇنيا . كۈلۈپ قارىساڭ تاتلىق دۇنيا . تولغان چەكسىز قىسمەت سىرغا . ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزۈم قىلدىم . سەھەر چىققان قۇياشقا مېھىر بىلەن قارىدىم . بەخت دېگەن ئەنە شۇ ئۆزۈم ئۈچۈن گۈللەر سۇندىم . يەتمەيدىكەن ئويلىسام تەن ساقلىققا ھېچنېمە ئۆزۈڭنى دەپ گۈل ئۆز دېمەن يەكلىمە . ئۆز بېغىمدا ئەزىز مېھمانئم مەن ئۆزۈم تاللىغان يولۇم بۇ ئۆزۈم سۇنغان قولۇم بۇ بۇ مېنى چەتكە تاشلىمايدۇ يۈرىكىممۇ ئاھ ، ئۇرمايدۇ . Arranger