Qarqan Tag Maxripi

Lyrics: Askar-Yunus Music: Askar-Yunus Arranger: Askar-Yunus بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە  خۇراملىققا خەت كەتتى  يارىم بولسا پات كەلسۇن يۈرەكلەرگە ئوت كەتتى  تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر گۈل باشىمغا سانجىلۇر ئاۋارە مىنىڭ كۆڭلۈم ماڭا قالاڭ خىنىم  يانى كۆرسەم ئاچىلۇر سۇلار باشتىن كىلىۋاتىدۇ ئۆگزىڭىزگە ئاتاي تاش گۇسۇ گۇسسسەڭ گۈس چىم چىم ئەتتىم چىم بىلەن  كاۋاپ ئەتتىم تۈز بىلەن  ئوينىۋالسام ئارمان يوق سىز چىرايلىق ئۈز بىلەن  باراتۋاي باراتۋاي توغراق ئۇتۇننى ياراتماي پاسا قالىغان باراتۋاي بىر بىدىلەپ بىر ساھىبنىڭ ئۇيىدە سىن چاي ئىچىتىم بىر يۇدە قەن چاي ئىچتىم بىر يۇدە قاغىلقى قاق ياخشى خۇتۇننىڭ مەيلىگە باق ئەسكى خۇتۇننىڭ توكى چاق سىز خىنىمغا كۆيگەندە ساقال بۇرۇتۇم يوق ئىدى ئاق كۆينەك قارا كۆينەك شۇنداقمۇ ياراشۇمۇ يىراقتىكى شۇ يارىمنى  ياش باللا تالاشۇمۇ مەلەڭدە گۈل ئاچىلدى ئاخشام كەلگەن سەنمىدىڭ يۇرەكىمگە ئوت سالغان  يارىم سەن ئۇزەڭمىدىڭ قاشىڭ قارا قۇندۇزمۇ كىچە بارايمۇ كۈندۇزمۇ مەن مەلەڭگە باغاندا سەن ئۇيەڭدە يالغۇزمۇ بىزنىڭ باغدا ئاق ئالما ئاق ئالمىغا تاش ئاتما ياخشى يارىڭ قىشىڭدا باشقىلارغا تاش ئاتما شەلىرىڭدە ئوينايمەن يانىڭ يامان خۇمارى قاشىڭ قارا قاپقارا كىمگە ئاتتىڭ قاشىڭنى ئون بەش كۈنلۈك ئالەمدە  ئايلاندۇردىڭ باشىمنى