Lyrics: SUKUT/卡普Kuyikap/NBR Music: SUKUT/卡普Kuyikap/NBR Arranger: SUKUT V1:Kuyikap ئاخشام باردىم بىر سورۇنغا ئاغىنەممۇ ياندا بار ئەزەلدىن سورۇندا ھاراق ئىچىش بىزنىڭ يۈرەك قاندا بار جىمجىتلىقتا ئولتۇردۇق خېلى بىر كەم تۈگەپ كەتتى قورۇم بەزى ئاغىنىلەر كەلمىدى قۇرۇق قالدى ئورۇن ئاغىنەمنىڭ قولىدا يانفون كىرمەي بىز بار قانالغا ھازىر ئويلايدىغىنىم مۇھەببىتىمدىن تېلېفون كەلمىسە ئامال بار بىرلا تېلېفون كەلدى ئاغىنەممۇ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى بىلىمەن مۇھەببىتىنى بەزلەپ ئۇخلاتقاندىن كېيىن كىرەتتى ئويلاپ قالىمەن ئۇنداق ئۆتكەننىڭ كۈتكەننىڭ ئورنى بارمۇ مىڭ بەزلەپ كەتكەن بىلەنمۇ قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ قىزلار يەنە شۇنداق ، تۇرۇپ ئوغۇل بالىنى باشقۇرۇۋېلىشقا ئاندىن ئامراق توۋا ، دەيمەن ئاشۇرۇۋەتسىمۇ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ سالماق ئانىسىنىڭكىنى ئاڭلىمايدۇ مۇھەببىتىنىڭكىنى ئاڭلايدۇ ھەممە ئىشتا شۇ قىز بالىنىڭ كەيپىياتىنى ئويلايدۇ مۇھەببىتىنىڭ گېپىگە كەلسە ئاغىنەمنىڭ دەردى تولا تۆكۈۋېتىدۇ سورۇنلاردا ئاڭلاپ بېرىمەن ، ئەمدى بۇلار Hook:Blazer ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن خوش سىڭسۇن سىڭمەي باقسۇن ھەي ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن كۆڭۈلدىكى دەرتنى ئىسپىرت بىلمىسۇن ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن خوش سىڭسۇن سىڭمەي باقسۇن ھەي ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن كۆڭۈلدىكى دەرتنى ئىسپىرت بىلمىسۇن V2:YongOzne خوشە دەپ سوقۇشتۇر ئابىدەش ، گاھى ھاراقنى قوڭنى قىسقان بىر ھۈنەر دەپ ئۆرۈۋەتتى قاۋاقنى قىزىل كۆۋرۈك ئەتراپىدا بىكارچىلار سورۇنىدا ھاراقكەشلەر ئەترىتى تارتىنما قورۇما يېنىمدا ئورۇن بار ئىشلىرىڭنى ئايان قىلىسەن بېرىپ كۆپچىلىككە بايان تۇرمۇشۇڭنى ئېلىپ ماڭالمىساڭ ، چاقىدۇ قولۇڭنى چايان ئىككى رومكا ئارتۇق كەتسە كاللىغا چىقىپ سۆزلىيەلمەيسەن گېپىڭنىمۇ راۋان ئاغىنەم gangster ئىشخانىدا مەيلىنىپ تاڭ ئاتارغا ، يولغا چىقىپ مېرسىدىسىنى لەيلىتىپ سەيلىتىپ بولما كەيپ تەگمە رولغا كاللاڭ پىر پىر قېيىپ ھېس قىلالمىدۇق دەرت قېپى بولۇپ كەتكەنلەرنى كەيىپ ئاخىرى تېپىپ كەتكەنلەرنى كاچىتىغا بىرنى قويۇپ مۇھىم بىلمەي شۇ سورۇندىن قېچىپ كەتكەنلەرنى يانچۇقىغا سېلىپ كەتكەنلەرنى قىزلارمۇ ، بوش ئەمەستى ئەمدى ماڭماڭ خاتا يولنى Hook:Blazer ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن خوش سىڭسۇن سىڭمەي باقسۇن ھەي ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن كۆڭۈلدىكى دەرتنى ئىسپىرت بىلمىسۇن ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن خوش سىڭسۇن سىڭمەي باقسۇن ھەي ھاراق سۆزلىسۇن ئاغىنەم ھاراق سۆزلىسۇن رومكا تۈگىسۇن كۆڭۈلدىكى دەرتنى ئىسپىرت بىلمىسۇن V3:Number ھاراق سۆزلىدى بۈگۈن كەچ ھاراقنىڭ رومكىسى قولدا تاتلىق ئاچچىق ئىسلى بار ئىكەن ، مەستمەسلىكتە ماڭغان شۇ يول كەتكەنلەر كەتتى ياندا قېلىپ قالغىنى چىن بولۇپ كەيپتە ئەينەكتىكى ئەكسىمۇ خۇددى جىن بولۇپ ئايلانغان رومكىلاردا تۈگىمەس ھېكايە بۇ قىزارغان يۈزلەردە تۆكۈلدى ئېغىر تۈكۈلدى پىغانە يىغىلدۇق بۈگۈن كەچ تاشلاپ ھەممىنى i dont care ھاراققا ئارقىدىن سوغۇق سەي ئىئانە مەست بولمىغۇچە كەتمەيمىز تۈگىمىسۇن ھاراق غەلۋىسى گىتار بىلەن رەپتە چىقتى بۇ سورۇننىڭ ئەۋجىسى ئاغىنەمدە دەرتلەر ئېغىر يۈرەك غىرلا يېغىر ھەر بىر گەپتە پەش كۆڭۈلدە غەش ئىگىلدى گەجگىسى گەپلەر تۈگەپ قالمىدى تاڭ ئاتىدىغان ئەھۋاللار بار سورۇنغا ئاران چىقاتتى بۇ ئۆرۈلگەن ھەم يانلىدا توغرا مەس بولدۇق ئەمما ئۆلگەن يۈرەك قايتا كۈلدى ئېسىلىشىپ ماڭغانلار ئاددىي خۇشاللىقنى بىلدى بۈگۈن