تەلمۈرگەندىن قۇياشسىز تاڭغا،
ۋاز كېچىشمۇ گۈزەلكەن بىلسەم،
تاشلىــغـاندىن ئــۆزۈمنى ھاڭغا.
ۋاز كېچىشمۇ گۈزەلكەن بىلسەم.
مۇزىكا
كۈندە سـۆيگۈ تىلــەپ ئۆزگىدىن،
نەپرەت ياققان بىرجۈپ كۆزىدىن،
بال ئاقمىـغــان زەھـەر سۆزىدىن،
ۋاز كېچىشمۇ گۈزەلكەن بىلسەم.
مۇزىكا
ئۈمىد باغـلاپ تاشتەك يـۈرەككە،
سۆيگۈ بەرمەي يۈرسەم بۆلەككە،
داۋا بولــماس ئىكــەن كۆيەكـكە،
ۋاز كېچىشمۇ گۈزەلكەن بىلسەم.
مۇزىكا
ئۆز كۆڭلۈمگە ساپتىمەن زۇلۇم،
ئېچىلىـــپتۇ نامــەرتكە قـــولۇم،
چەتـنەپ قاپتۇ بۇ ھايات يولۇم،
ۋاز كىچىشمۇ گۈزەلكەن بىلسەم.