Lyrics: Qimangul Awut Music: Omar Osman شۇنچە خۇش پۇراق بىر گۈل بولغان ئىكەن ، بۇلبۇلى مۇڭلۇق سايرايدىغان . سۆيگۈ مۇھەببەت ئارمانلىرىنى ، باغۋىنى پەقەت بىلمەيدىغان .
تۇساتتىن قۇيۇن قايرىپ شاخىنى ، گۈلنىڭ بەرگىنى قىلىپتۇ ۋەيران . ئاھ بىچارە گۈل يىغلاپتۇ زار زار ، قېنى بۇلبۇلى كەتكەندۇ قايان.
باغۋەن ئاۋايلاپ گۈلنىڭ بەرگىنى ، قارا تۇپراققا كۆمۈپتۇ پىنھان . كۆكلەم يامغۇرى ياققان كۈنلەردە ، بەلكىم شۇ گۈلدۇر خۇش پۇراق چاچقان .