JAN-ANA

Lyrics: Musajan-Ablat Music: Musajan-Ablat Arranger: Musajan-Ablat تۆرەلدىم ھاياتقا باقتىم كۆز ئېچىپ يىتىلدىم گاھى لاي گاھى سۇ كىچىپ  بالام دەپ بىر دۇنيا ياراتتىڭ ھامان يۇلۇمنى يۇرۇتتىڭ مىھرىڭنى چېچىپ  يامان دەپ پەرزەنتىڭ ئوتىنى ئۆزۈڭ ئانىسىز ياشاپسەن بىز ئۈچۈن ئانا بىر ئالەم مۇھەببەت سۆزلەيدۇ كۆزۈڭ بىۋاپا قىسمەتلىك دۇنياغا يەنە  ئاقاردى چاچلىرىڭ يېشىڭ قىرىقتا  مۈكچەيدى بەللىرىڭ ئېتىز ئېرىقتا  بىز سالغان جاپانىڭ ئىزلىرى بار ئانا قولۇڭدىن جاي ئالغان ھەر بىر يېرىقتا  كەل يەنە باغرىڭنى ئاچقىن جان ئانا قۇچاقلاي يۈرەكلەر سەن بىلەن تولسۇن ھاياتنىڭ بەركىتى ئۆزۈڭ جان ئانا  كۈلكىمىز بىر ئۆمۈر سەن بىلەن بولسۇن