Lyrics: awut turdi
Music: awut turdi
Arranger: awut turdi
كۆزلىرىم ياش يۈركىمدە تاش
يىغلاپ ئاقتى قەلبىمدە دەريا
كۆزلىرىم ياش يۈركىمدە تاش
يىغلاپ ئاقتى قەلبىمدە دەريا
يۈركىمدە مىڭ ئەرنىڭ ئاھى
سىزدىن ھەجەپ ئايرىلدىم ئانا
يۈركىمدە مىڭ ئەرنىڭ ئاھى
سىزدىن ھەجەپ ئايرىلدىم ئانا
ياياق ماڭدىم سىز كەتكەن يولدا
ئاياغىمغا سانجىلدى تىكەن
ئاياغىمغاسانجىلدى تىكەن
ئزدەپ باردىم ھەر جايغا ئەمما
تاپالمدىم ئانام بىر ئىكەن
ئزدەپ باردىم ھەر جايغا ئەمما
تاپالمدىم ئانام بىر ئىكەن
تالاي يىغلار مەندەك دۇنيادا
تاغۇ تاشلار مەندەك يېرىلماس
سىز ئۆستۈرگەن گۈللەر پەرشان
مەن كۆكسۈمنى يارسام ئېچىلماس
سىز ئۆستۈرگەن گۈللەر پەرشان
مەن كۆكسۈمنى يارسام ئېچىلماس
مەن مەيدەمگە ئۇرۇپ يىغلدىم
پارە پارە بولغاندا بۇ تەن
پارە پارە بولغاندا بۇ تەن
سىز كەتتىڭىز كەتمەيدۇ ئەمما
چىن سۆيگۈڭىز ھامان بىز بىلەن
سىز كەتتڭىز كەتمەيدۇ ئەمما
چىن سۆيگۈڭىز ھامان بىز بىلەن
پاك مېھرىڭىز ھامان بىز بىلەن