Bu kiqa

Lyrics: SIFIR Music: WayMen/Siren Lyrics: SIFIR HOOK:乔-muran Mix:Rocky-Sadirdin 乔-muran بۇ كېچە ئالەم تىمتاس ، جىمجىت ئۇخلايدۇ . دەردىمنى ، ھېچكىم بىلمەيدۇ . ھېچكىم ئۇقمايدۇ . يۈرىكىمنى چىرمىۋالغان دەردلەر قىينايدۇ . گاھى ئۇخلىغاندا ئۇنىڭدىن ، كېيىن يۈرىكىم ئۇھ دەيدۇ . SIFIR مەن دەردىڭگە يېتەلمىدىم . يا ھالىڭنى سورىيالمىدىم . سېغىنسام ئۇنىڭغا بارالمىدىم . سەن ئۈچۈن يۈرەكنى يارالمىدىم . مەيلى ، مەيلى ، مەيلى . ئۇ ئۆزۈڭنىڭ مەيلى . مېنى سەن كۆڭۈل بەرمىدى دەپ كېتىشنى تاللىساڭمۇ مەيلى . مەن ساڭا تالاي دېدىم . سەن ئىشەنمە خەقنىڭ سۆزىگە ئۇلار ياخشىنى كۆرمەيدۇ . ئىشەنمە خەقنىڭ كۆزىگە . سەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىما سەن مېنى ھەرگىز ئالدىما . سەن سۆيگۈڭنى بەرگىن ماڭىلا مەن بارىمنى بېرەي ساڭىلا . بەلكىم باشقا بىرسى . يۈرىكىڭنى تاتلىق ، چەككەندۇ يار . ئاچچىقىمدا دېگەن گەپلىرىم . يۈرىكىڭگە قاتتىق تەگكەندۇ يەر . مەن ساڭا بەردىم ھەممىنى . ئەمما ، يۈرىكىڭ مەندىن نارازى . ئەمدى كەتسەڭ كەلمىگىن بولدى . گۈلۈم سېنىڭدىن ، مەن رازى . بۇ كېچە سەن يوق ، يۈرەكلىرىم لەختە لەختە . كۆزنى يۇمسام جېنىم سىمايىڭ بار ھەر تەرەپتە . ئايرىلىشقا سەۋەب بولدى زادى نە سەۋەبلەر ؟ ئېيتقان گۈلۈم ماڭا يەنە بار ئىدى ، نە تەلەپلەر ؟ 乔-muran بۇ كېچە ئالەم تىمتاس ، جىمجىت ئۇخلايدۇ . دەردىمنى ، ھېچكىم بىلمەيدۇ . ھېچكىم ئۇقمايدۇ . يۈرىكىمنى چىرمىۋالغان دەردلەر قىينايدۇ . گاھى ئۇخلىغاندا ئۇنىڭدىن ، كېيىن يۈرىكىم ئۇھ دەيدۇ .