dos amas

Lyrics: tusunbigim Music: tusunbigim Arranger: tusunbigim پۇل بولمىسا ھىچكىم ساڭا دوس ئەمەس, سۇنغا قۇلى سالاملارغا قوش ئەمەس, نەپ بەرمىسەڭ تېخى ئاندىن كۆرىسەن, ھېلىغۇ ئۇ مەنمۇ سەندىن خوش ئەمەس, سۆز قىلساڭمۇ زادى گىپىڭ گەپ ئەمەس, پۇل يوق بولسا ھىچكىم ساڭا ئەپ ئەمەس, ياماننىڭ كۈننىڭ بىر ياخشىسى كەپ قالغاي, مەيدە قاققان ئەردىگەنمۇ ئەر ئەمەس, ئاڭلامدىكەن  سىنىڭ  ئاھۇ زارىڭنى, يات بەرمەيدۇ سەن بەرگەندەك بارىڭنى, سىناپ باقە پۇل يوق چاغدا يارىڭنى, ئۇنداق چاغدا ھىچكىم سەندىن خوش ئەمەس, كۈندە يەرگە ساڭا تەييا گۆش ئەمەس, پۇلۇڭ بولسا دۈشمىنىڭمۇ ئۆچ ئەمەس, شۇڭا تىرىش بۇ جاھاندا ھېكمەت كۆپ, قۇرۇق سۆزدىن قۇرۇق قۇلاق خوش ئەمەس。