Lyrics: GulzarMusic
Music: GulzarMusic
Arranger: GulzarMusic
تالاي يىغلار مەندەك دۇنيادا,
تاغۇ تاشلار مەندەك يىغلىماس,
تالاي يىغلار مەندەك دۇنيادا,
تاغۇ تاشلار مەندەك يىغلىماس,
سىز ئۆستۈرگەن گۈللەر پەرىشان,
مەن كۆكسۈمنى يارىسام ئېچىلماس,
سىز ئۆستۈرگەن گۈللەر پەرىشان,
مەن كۆكسۈمنى يارىسام ئېچىلماس,
مەن مەيدەمگە ئۇرۇپ يىغلىدىم,
پارە پارە بولغاندا بۇ تەن,
پارە پارە بولغاندا بۇ تەن,
سىز كەتتىڭىز كەتمەيدۇ ئەمما,
چىن سۆيگىڭىز ھامان بىز بىلەن,
سىز كەتتىڭىز كەتمەيدۇ ئەمما,
پاك مېھرىڭىز ھامان بىز بىلەن。