MLD5 GROUP 足球梦

Lyrics: MLD5 Group Music: MLD5 Group كۆزۈمنى ياشلىدىم ، ئۆزۈمنى ئالدىدىم ، ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنمۇ . كالېندار يىرتىلدى، ئارزۇلار شۇ پېتى، . قىينايدۇ مېنى بىر ئوت ئۇ چاغلاردا ئۆگۈنۈشۈم ياخشى ئەمەستى، .ئۆزۈم سىنىپتا كۆڭلۈم دائىم پۇتبول مەيدانىنى تارتىپ تۇراتتى . توپتىن باشقىنى بىلمەيدىغان دۆت ، بەڭۋاش، . مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسى . ئۆيدىكى قۇلاق كەستى، . ئاپامنىڭ گېپىچە مەن گەپ ئاڭلىمايدىغان ئەسكى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ ئەقلىمنى سىنايدىغان ياخشى ئامال بىر ۋاراق ئىمتىھان سوئالى . ئۇلار بىلمەيتتى مېنىڭ نىمىنى ئويلايدىغىنىمنى . ئۇلار بىلمەيتتى توپنى قۇچاقلاپ ئۇخلايدىغىنىمنى . ئۇلار بىلمەيتتى ، بىر كىچىك بالىنىڭ چوڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى توپ يۇمىلاق دۈگۈلەيدۇ ئالدىمدا قوغلىسام ھامان يېتىمەن .. دۇنيا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋاز كەچمىسەملا مەنزىل گەھامان يېتىمەن. . دەپ يېڭىمنى تۈرگەن ..... لېكىن بۈگۈن كۆزۈمنى ياشلىدىم ئۆزۈمنى ئالدىدىم ، ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنمۇ . كالېندار يىرتىلدى، ئارزۇلار شۇ پېتى، . قىينايدۇ مېنى بىر ئوت
مىنىڭ نەزرىمدە توپ دۇنياغا ئوخشايدۇ، دۇنيامۇ توپقا ئوخشاش يۇمىلاق، ئۆيدىكىلەرمۇ مىنىڭ كەلگۈسۈمگە گۇماندا، ئۇلارنىڭ نەزرىدىمۇ بولدۇم ياغاچ قۇلاق. دادام دەيدۇ نېمە ئويلايسە نېمە قىلماقچى ؟ دەپ باقە سەن كەلگۈسىدە نېمە بولماقچى ؟ توپ تېپىمە توپچى بولىمە كەلگۈسىدە پۇتبول شاھى بولىمە ھا ھا ھا بالام ساراڭ بوپسەن توختاپ قال . قولۇڭغا ھۈنەردىن بىرنى ئال . ئىشلىگىن ، پۇل تاپ ، يول تاپ دېدى، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ يوقمىدى بۇرۇن دەپ دادامغا قويدۇم سوئال . ئەڭ ئامراق كىيىمىم پۇتبول كىيىمى ئارقىسىغا بېسىلغان نومۇرۇم ئون . تاشلىدىم توپ بىلەن كىيىملىرىمنى ئارزۇلىرىم بىلەن بىر كۈن بۇرۇن . بەلكىم دادامنىڭ دېگىنى توغرا, كىردىم بەلكىم كەلمەس يولغا . قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق بولدى قىلاي بولدى بەلكىم تەقدىر شۇنداق . تەقدىر شۇنداق تەقدىر شۇنداق راست تەقدىر شۇنداقمىدۇ . راست تەقدىر شۇنداقمىدۇ . كۆزۈمنى ياشلىدىم ، ئۆزۈمنى ئالدىدىم ، ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنمۇ . كالېندار يىرتىلدى ئارزۇلار شۇ پېتى قىينايدۇ مېنى بىر ئوت....... .