Lyrics: Anwar Osman
Music: Anwar Osman
Arranger: Anwar Osman
چانمايسەن
دوراپ يۈرۈپ چولپاننى
ناخشا ئېيتقىن چانمايسەن
ئېيتالمىساڭ تەييارنى
قويۇپ بەرگىن چانمايسەن
شوخ پەدىگە قوپۇۋال
ناخشىچىدەك تۇرۇۋال
مىكروفوننى تۇتۇۋال
نومۇس قىلما چانمايسەن
ئاغزىڭ تۇرسۇن مىدىرلاپ
بەدەنلىرىڭ قىمىرلاپ
قورقۇپ كەتمە تىپىرلاپ
دوراپ بەرگىن چانمايسەن
ناخشىچىغا ئوخشىۋال
ناخشىچىنى دورىۋال
چولپانلاردەك تۇرۇۋال
تۇرۇۋالساڭ چانمايسەن
قىلما دېسە ئۇنىمايسەن
پەيلىڭ يامان يانمايسەن
قىزارمىسۇن يۈزلىرىڭ
ئېيتالمىسام چانمايسەن
بىلمىگەننى ئالدىۋال
سەھنىلەردە يايرىۋال
شېرىن خىيال سۈرىۋال
ۋاقىتلىق سەن چانمايسەن