Lyrics: Key-kayyum Music: boyfifty yey This is Key man listen تىنىش ئولتۇرۇپ ئويلاپ باقتىم باشتىن چۈنكى يۈرەك سوغۇق قەپەس ئىچىدە ئوراپ تاشتىن بەلكىم توشارىدا يىغىپ كەلسەم چۆل جەزرىمۇ دەريا بولۇپ سېنىڭ ئۈچۈن ئازاب چېكىپ ئاققان ياشتىن باشلاي باشتىن كۆز ئالدىمدا بايان بىللە ئۆتكەن كۈنلەر شېرىن سۆزلەر بىلەن ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقان تۈنلەر مۇڭلۇق سايرارئىدى باغلىرىمدا جۈپ جۈپ قۇشلار ئېچىلغان ئىدى ئەتىر چېچىپ رەڭگارەڭ شۇ چېچەك گۈللەر لېكىن ئايرىۋەتتى ئىككىمىزنى تەقدىر دېگەنتىم شۇ چاغدا مەن كېتىۋەرگىن ماڭا بەرىبىر سۆيەلمىدىم ئۆزگىلەرنى سېنى سۆيگىنىمدەك چۈنكى ئورۇن ئالغان ئىدىڭ بۇ قەلبىمدە پەقەت سەن بىر چۈشەنمىدىم مۇھەببەتنى ئۇ چاغلار ئەمدى كەتتى كۆرەلمەيتتى ھېچكىم قەلبىمدىكى جاراھەتنى ئۇنتالمىدىم ئۆتمۈشۈمنى بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنى قايتىپ كەل قېشىمغا سەن ئازابىمدىن قۇتقۇز مېنى قايتىپ كەل بەرگىن سۆيگۈڭنى قايتىپ كەل بېرەي بارىمنى سەن قايتىپ كەل قۇتقۇزغان مېنى قايتىپ كەل سەن قايتىپ كەل مەيىن شامالدىن سوراپ تۇردۇم سېنىڭ خەۋىرىڭنى كەلمىدىڭ شۇڭا قايتا ئالدىم قەلىمىمنى يەنە ئوخشاش رېتىم ئاڭلا بۇ ناخشامنى سۆزلەپ بېرەي ساڭا يالغۇز قالغان ئاشۇ ئاخشاملارنى ئاسمىنىمدا تولۇن ئاي يۈرەكتە ئۈنسىز رېتىم يەنە رەسىمىڭنى كۆرۈپ چىقتىم قانچە قېتىم دېگەنتىڭ سۆيۈپ تۇرۇپ سەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىم ئەمدى نۇرسىز كۆزلە ئەينەكتە مىسكىن ئەپتىم قايتىپ كەلگىن ئەمدى قايتا بەرگىن سۆيگۈلەرنى قايتا سۆزلەپ بەرگىن ماڭا شېرىن سۆزلىرىڭنى قايتا ئاڭلىغۇم بار ، يەنە مۇڭلۇق كۈلكىلەرنى قايتا كۆرسەك يەنە تەڭ ئولتۇرۇپ سەھەردە چىققان قۇياشنى مەيلى بولسۇن ئالدىمىزدا قار شىۋىرغان مەيلى تاشلاپ يىراقلارغا بىزنى قايتا قىينىسۇن پىغان پەقەت قايتىپ كەلسەڭ سەن قېشىمغا ئېلىپ قايتا قۇچىقىڭغا باسار ئىدۇق ئۇ يوللارنى تەڭ ھامان قايتىپ كەل بەرگىن سۆيگۈڭنى قايتىپ كەل بېرەي بارىمنى سەن قايتىپ كەل قۇتقۇزغان مېنى قايتىپ كەل سەن قايتىپ كەل