گۈل فەسلىدۇر باغىمگە كەل نىگارىم سەن ئۆزۈڭ
رەڭ تالەشۇر گۈزەللىك ئۇندا بارىم سەن ئۆزۈڭ
زىبا ئىرۇر قىزىل گۈل غۇنچە بەرگىن يازگەندە
قىزىل گۈلدىن ئەۋزەلراق گۈل ئۇزارىم سەن ئۆزۈڭ
قىزىل گۈلدىن ئەۋزەلراق گۈل ئۇزارىم سەن ئۆزۈڭ
مېھرىڭ ئىشقى تەرىپىن كۆيلەپ دەستان ئەيلىدىم
مېھرىڭ ئىشقى تەرىپىن كۆيلەپ دەستان ئەيلىدىم
كۆيلىرىمنىڭ چەشمىسى يۈرەك تارىم سەن ئۆزۈڭ
كۈلۈپ چىقساڭ ئۆيۈڭدىن ئۆرگىلەي دەپ بويۇڭدىن
تەلمۈرىمەن يولۈڭگە ئىنتىزارىم سەن ئۆزۈڭ
كۈلۈپ چىقساڭ ئۆيۈڭدىن ئۆرگىلەي دەپ بويۇڭدىن
تەلمۈرىمەن يولۈڭگە ئىنتىزارىم سەن ئۆزۈڭ
گۈل ھاياتنىڭ گەشتىنى تاپتىم مېھرى ۋاپادىن
ئۆمرۈم بويى سەن بىلەن ۋافادارىم سەن ئۆزۈڭ
بىرگە يۈرسەك باغ ئارا گۈللەر سېنى تەبىركىلەر
سۆيۈنۈش تولغان دىلىمدا نەۋ باھارىم سەن ئۆزۈڭ