Lyrics: davran
Music: davran
Arranger: Warisjan Abdurahman
سەن قەلبىمدە گۈل رەيھان ئىدىڭ
قەھرىتاندا قىشتا ئېچىلغان
سۆيگۈ بېغىم ئىدى گۈلزارلىق
سەندەك رەيھان خۇش پۇراق چاچقان
ئەپسۇس سۆيگۈم قالدى ئارماندا
سۇلغىنىڭنى كۆرۈپ پەرىشان
نېچۈن گۈلۈم سۇلىسەن بالدۇر
ئوت يۈرەكنى قالدۇرۇپ پىنھان
مۇزىكا
ئەپسۇس سۆيگۈم قالدى ئارماندا
سۇلغىنىڭنى كۆرۈپ پەرىشان
نېچۈن گۈلۈم سۇلىسەن بالدۇر
ئوت يۈرەكنى قالدۇرۇپ پىنھان
پۇشايمىنىم دىلىمغا ئاچچىق
ئەسلىتىدۇ ئۆتمۈش ئازابنى
سۆيگۈ بېغىم سېنىڭسىز يالغۇز
ئەسلەر ھامان گۈزەل رەيھاننى
چۈش بولسىچۇ كۆرگىنىم ھەممە
يىغلاپ يىغلاپ ئويغىنىپ كەتسەم
كۆزلىرىڭگە ئۈمىدلىك بېقىپ
ۋىسالىڭغا ئارمانسىز يەتسەم