Lyrics: Rejez Music: Sirkul Arranger: Sirkul دېلىغۇل بولىمەن كۆزۈڭگە قاراپمەن كەيىپمەن بەئەينى سۆزلۈرۈڭ شاراپ سىرغىغان ياشلار كۆز چاناقنىقتىن ماراپمۇ يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراپ سەندىكى مۇھەببەت قىزىل رەڭ ۋاراقچە مەندىكى بىر چوغدۇر ئوتۇن قىپ قالاپ لېكىن سەن ئۆزۈڭچە بەك ئالىي جانابسەن ئۆتكەن ھەر سەۋەننى قۇمچە قىپ ساناپ يۈرۈگۈم لەختە بوپ ئىچىدىن قاناپ ھەر سۆيگەنمەن كۆكسۈمنىڭ قېتىدىن خالاپ ھەم كۆڭۈلنى دەستە گۈل ئوراقتا ئوراپمۇ يا ئۆتۈش كېرەكمۇ ساڭىلا ياراپ سۆزلۈرۈم ئېيتىلار ساڭىلا ئاتاپ لېكىن ئۆزۈڭ مەقسەدنى مەقسەدلىك تاقاپ سەۋەنسىز باتناپ سەن تېمىدىن ئاتلاپ سەن يۈرسەڭمۇ يۈرىمەن ئېتىڭنى يادلاپ كېبىرنى سەن ئۈچۈن يىراققا پالاپ مەن ئاقىۋەت ئالدىڭدا خاراپتىن خاراپ مەن كاززاپلىق قىلمىغان كاززاپتىن كاززاپ مەن خاتىمىدە قۇچاق ئاچقىنى ئازاپ ئالقاننى جاپادا باسسىمۇ قاداق گەر قۇيىشىم ھامىنى چىقىدۇ پارلاپ بەلكىم بۇ ئاشىقلىق سوئال ۋاراقتىكى مەشۇققا قايتۇرغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ بىلىپ قويغىن بىلىپ يەتكىن ساڭا ئاشىق يۈرەگىمنى بىلىپ قويغىن بىلىپ يەتكىن ساڭا كۆيگەن يۈرەگىمنى ‎نېمە ئۇ بەخت؟ ‎نېمە ئۇ تەخت؟ ‎مەن سېنىسڭىز پىنھانغا بەنت، ‎پىنھان ئىچرە نە خۇش بۇ قەلب، ‎سەن بۇ شېكەستتە قەلبكە سېلىنغان قەنت، ‎كۆڭۈل كۆزۈم پەقەت ساڭىلا جەلب، ‎ئىشقىمنىڭ قەرەل تاقىتى پەقەت ساڭىلا سەرپ، ‎سەن ئەڭ گۈزەل شېئىر مىسرا قۇرلانغان ھەرپ، ‎مەن شۇ مىسرا قۇرلارغا شارابسىز غەرق! ‎مەن ئىلاجسىز بىقارار بولدۇم، ‎سەنسىزلىككە كۆنەلمىدىم ھېچ، كۆنمەك بولۇپ، ‎خۇش كۈلەلمىدىم ھېچ، كۈلمەك بولۇپ، ‎ئۇشبۇ ھايات بەزمىسىدە مەي بىلەن سۆيۈشۈپ ھوزۇر كەيىپىنىمۇ سۈرەلمىدىم ھېچ، سۈرمەك بولۇپ، ‎بىلىندىم ئۆزۈمگە پەرھات سىياق ئۆرنەك بولۇپ، ‎سەن ئۇچتۇڭ ئاخىر ھۆر ئاققۇ بولۇپ، مەن ئارقىڭدا قالدىم ئىلاجسىز ئۆردەك بولۇپ، ‎مەيلى سەۋداغا سوغۇق سۇ سەپكەنگە خەير، ‎نادامەت ھېسىنى چەككەنگە خەير، ‎كۆڭلۈمنىڭ ئىشىكىنى ئەتكەنگە خەير، ‎خەير جانان، مۇرادىڭغا ھەم يەتكەنگە خەير، ‎شۇ نازۇك ھېس بىلەن ئەڭ دەسلەپتە كۆڭلۈمنى چەككەنگە خەير، ‎خۇش كەلدىڭ پىنھانلىق! ‎سەندىن باشقا مېنى تاشلاپ كەتكەنگە خەير!