Sandin bolak

يوق ئېغىر دەرد ئاتەش گۇلخاندا كۆيگەندىن بۆلەك، باشقا دەردلەر نېمە ئۇھىجراندا ئۆلگەندىن بۆلەك. ياردىدارىڭغا قېنىپ بولساممۇ ئەما رازىمەن، كۆزلىرىمگە نېمە لەززەت سېنى كۆرگەندىن بۆلەك. ياردىدارىڭغا قېنىپ بولساممۇ ئەما رازىمەن، كۆزلىرىمگە نېمە لەززەت سېنى كۆرگەندىن بۆلەك. ھەر نە ئامەتلەر كېلىپ باشىمغا قوندى قۇش كەبى، ھېچبىرى شاد ئەتمىدىكىن سېنى سۆيگەندىن بۆلەك. دىلدىكى تەشنالىقىمنى قاندۇرالماس مىڭ دېڭىز، سەن لېۋىڭدىن بىر تېمىتقان بالى زەمزەمدىن بۆلەك. سەن لېۋىڭدىن بىر تېمىتقان بالى زەمزەمدىن بۆلەك. جان دېگەن تەنگە جاھاندا بولىدۇ بىرلا نېسىپ، ئاشۇ جاننى كىم ساڭا قىلغاي پىدا مەندىن بۆلەك؟ ئاشۇ جاننى كىم ساڭا قىلغاي پىدا مەندىن بۆلەك؟ نۇر بولۇپ باغرىڭغا سىڭسەم كۆرمىسە ھېچبىر كىشى، جان نېمە، جاھان نېمە، جانان نېمە؟ سەندىن بۆلەك. نۇر بولۇپ باغرىڭغا سىڭسەم كۆرمىسە ھېچبىر كىشى، جان نېمە، جاھان نېمە، جانان نېمە؟ سەندىن بۆلەك.