Arranger: Nurali Awut
بىز كىرگەن قومۇشلۇققا يولۋاسمۇ كىرەلمەيدۇ،,
بىز سۆيگەن گۈزەل يانى نادان بالىلار سۆيمەيدۇ،,
ئاق ئۇكىجان مىجەزىم بار باراي دېسەم مادارى يوق.
بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ گۈلى نەچچە ساناپ باق.
راست سۆيدۈڭمۇ يالغانمۇ، يۈرىكىڭدىن سوراپ باق.
ئاق ئۇكىجان مىجەزىم بار باراي دېسەم مادارى يوق.
يەكەن پوسكام ئىگەچى خانىمىزگە تىگەچى,
خانىمىزگە تەگمىسە ئىلۋالسۇن كۆمەچى,
چامغۇر بىلەن زەدەك توشتى قازانغا گۆش گىدەك ماڭلا يارايدۇ,
ئا خىنىمنىڭ كۆڭلى بۆلەك سىڭايان قارايدۇ,
ئاخشام ماڭغان تەرەكتۇرنىڭ ئالدى چاقى پەس,
ئالدىرماڭلا ياش چوكانلار ئەگە تەگمەك تەس,
ئەگە تەگسەڭ ماڭا تەگ راھەت كۆرەسەن,
چاپىنىمنىڭ يىڭىغا ئالما تىرەسەن,
چامغۇر بىلەن زەدەك توشتى قازانغا گۆش گىدەك ماڭلا يارايدۇ,
ئا خىنىمنىڭ كۆڭلى بۆلەك سىڭايان قارايدۇ,
قاشىڭنىڭ قاراسىگە مەربىيە مەربىيە,
ئوسما قويغۇنىڭ يالغان مەربىيە مەربىيە,
مەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم مەربىيە مەربىيە,
سىنىڭ كۆيگىنىڭ يالغان مەربىيە مەربىيە,
بۇ تىرەك ئۆسمەيدىكەن مەربىيە مەربىيە,
ئۆسىمۇ كەسمەيدىكەن مەربىيە مەربىيە,
باشقا ئۆت ئۆچكەن بىلەن مەربىيە مەربىيە,