Lyrics: KutluK/Mr.halit
Music: KutluK/Mr.halit
Arranger: KutluK
مەن بىر يىتىم، مىنىڭ دادام تۈگەپ كەتكەن
كىچىكىمدىن ئاتا مىھرىنى بوۋام ماڭا بەرگەن
ھەر قىتىم مەن باشقىلارنىڭ دادا دىگۈننى كۆرگۈنەمدە
ئازاپ ئۇرقى نەدە دەمسەن مەن يۈرەككە تەگەن
ياش تۇرۇپ كىتىپسىزكەن دادا مىنى كىچىك تاشلاپ
دوست يارەن ھەم قىرىنداشلار جۈپ كۆزىنى ياشلاپ
شۇنچە يىلنىڭ ياقى ياشاپ ئىزىڭىزنى بىسىپ كەلدىم
مەن چوڭ ئۆينىڭ كەنجىسى بوپ سىز كەتكەندىن باشلاپ
كىچىكىمدە سورىغاندا دادام نەگە كەتتى دەپ
مومام دەيىتتى ئىشلىگىلى چوڭ شەھەرگە يەتتى دەپ
داداڭ ئاسماندا يولتۇز بالام گەپ ئاڭلىساڭ قايتىپ كىلىدۇ
يامان ئىشتىن تارىتقىن ئۈزەڭنى ئۇنىڭ كۆڭلى سىزىپ
ھەممە دادىنى تاغ دەيدىكەن مەن شۇ تاغدىن ئايرىلىپ
بەختمۇ كەتتى ئۈيىمىزدىن دەرھال ئارىتقا قايرىلىپ
ھەممىگە چىداپ ئاخىرىدا بىچارە بۇۋام مومام قالدى
ئائىلىنىڭ ئاسمىنىدا يولتۇز كىتىپ تۇمان قالدى
يىقىلىشتىن قورقىمەن دادا مەن يىقىلسام كىم يۆلەيدۇ
ھەركىم يۈزىدە ساختا كۈلكە ئارقامدىن پىچاق بىلەيدۇ
سىزنى ئەسلەپ ئوغلىڭىز كەچنى كۈندۈزگە ئۇلايدۇ
دادام ياتقان مازار غۇجامنىڭ چىغانلىرى رەيھان پۇرايدۇ
ئويلايىتتىم ھارماسمۇ ئىغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ،
يىغلىسام ھەردائىم قۇچاقتا كۈلدۈرۈپ.
يۈزىگە قورۇق چۈشكەن جىنىم دادامنىڭ،
كۈلگەن شۇ كۈلكىسى چۈشۈمدە كۆرۈنۈپ.
شۇ كۈنى مەڭگۈگە ئايرىلىپ قالدىم سەندىن دادا
بىلمىدىم تەغدىرگە قىلدىممۇ بىرە ئىغىر گۇنا
سەن مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم بولغاچقا بىغەم ئىدىم
سەن كەتتىڭ يىقىلدىم،تىگى يوق چوڭقۇر ھاڭغا
يىنىمدا بولغان بولساڭ ئالتۇندەك ئەتىۋار ئىدىم
سەن ماڭا ئات بولۇپ بىر دانە شاھزادەڭ ئىدىم
سەن يوق كۈندە ھەتتاكى قۇرۇق نان ئىدىم
ئىغىر كەلدى ئۆتكەن كۈنلەر مىھرىڭغا زار ئىدىم
باشقىلار دەيدۇ سەندە ھىچ بىر يۈرەك يوق
بەلكىم ئارقىمدا دادامدەك مۇقۇم تۈرەك يوق
ئۈزەمنى توختۇتۇپ تۇرۇپ دىدىم بوپتىلا
تەسەللىرىم چوڭ بوپ قالدىمغۇ مەيلى كىرەك يوق
قەدرى يوقتى ياندا بارىڭدا كۆڭۈلنىڭ توقلۇقى
ئەمدىچۇ چاندىمۇ بىر يەدە داداڭنىڭ يوقلۇقى
زور ئۈمۈتنى كۈتكەن ئوغلۇڭ ئۈمۈدۈڭنى ئاقلىيالمىدى
ئۇقمايسەن بۇ دۇنياغا نەقەدەر ئۆچلۈكى
تەغدىر سەن رەھىمسىز بۇلۇڭغا قىستىمىغىنە
ھىلىمۇ يولسىز قالدىم ئالدىمدىن تورىمىغىنە
روھىم چۈشكۈنلەشتى كۆرگەن كۈنۈم ئازمىتى
زورىغا شۇ ئىشلانى ماڭا بىر زورلىمىغىنە
ئويلايىتتىم ھارماسمۇ ئىغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ،
يىغلىسام ھەردائىم قۇچاقتا كۈلدۈرۈپ.
يۈزىگە قورۇق چۈشكەن جىنىم دادامنىڭ،
كۈلگەن شۇ كۈلكىسى چۈشۈمدە كۆرۈنۈپ.
(قايتۇرما)