Azar Yiganda

Arranger: Mardan Turghun يارىم مەندىن كېچىپتۇ دېمە، سورىمىغىن سەۋەبى نېمە. كەچسە مەيلى بەختىنى تىلە، ئويلاپ قالسۇن ئازار يېگەندە. ئىشەنگەنلەر تاشلاپ كەتكەندە، يۈرىكىگە ئەلەم يەتكەندە. پۇشايماندا ھەسرەت يۈتكەندە، ئويلاپ قالسۇن ئازار يېگەندە. تاشلانغاندا باغرى سۆكۈلۈپ، كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلۈپ. شۇچاغ سېنىڭ قەدرىڭ ئۆتۈلۈپ، ئويلاپ قالسۇن ئازار يېگەندە. بىر كۈنلەردە قەدرىڭگە يېتىپ. سۈرىتىڭنى باغرىغا يېقىپ. پۇشايماندا كۆزگە ياش ئېلىپ، ئويلاپ قالسۇن ئازار يېگەندە.