Lyrics: Dj_YASEN/abduxkur520-officali/JUSTME
Music: Dj_YASEN/abduxkur520-officali
Arranger: Dj_YASEN/abduxkur520-officali
ئايرىلىش
ياشىلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئۈزۈكنى بېرىۋەتتى .
بەخىتلىك ، بولغىن دەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كەتتى .
ئۇمۇ شۇ چاغدا ئازابنى ھەقىقىي بىلگەندۇ .
ئۇ قىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قانچىلىك يېشىم تەگكەندۇ ،,
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق بولسا ، ئون بەشى قاراڭغۇ .
ئازابنىڭ ھەممىنى مەن كۆتۈرەمدىم دېگىنىڭ يالغان پاراڭمۇ .
گىتتارنى قاتتىق چېلىپ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرايتتى .
ئېڭىكىنى يۆلەپ قۇچىقىدا ناخشىسىنى ئاڭلايتتى .
بەخت قۇشىمۇ قونالمىدى ئىككىسىنىڭ بېشىغا .
ئەمدى ئايرىلىپ كەتكەندىن ، كېيىن ھېچكىم قالمىدى قېشىدا .
ھەممىسى ھەۋەس قىلاتتى مۇشۇنداق ئايرىلدى .
شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتنى ئۇنتۇپ بېشى تالاغا قايرىلدى .
ئەينى چاغدا دېگەن ئىدى ، ھەممىگە مەن بار .
ئەمدى ئۇ قىز بالىغا بولسا قونچىقى ھەمراھ .
قونچىقىنى قۇچاقلاپ خىيال سۈرىۋاتىدۇ .
دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ ، لېكىن چىداپ كۈلىۋاتىدۇ .
سەندەك بىرسىنى كۆرگۈم يوق .
سەندەك مېنىڭ يايرىم يوق .
بۇنداق سۆيگۈنى تۈگىتىۋەت .
بولدى ئەمدى تۇرمۇشۇمدىن كەت .
سەندەك بىرسىنى كۆرگۈم يوق .
سەندەك مېنىڭ يايرىم يوق .
بۇنداق سۆيگۈنى تۈگىتىۋەت .
بولدى ئەمدى تۇرمۇشۇمدىن كەت .
تېلېفوننى چۈشۈردى ئۇ قىز دۈم ئېتىپ ئۆكۈنۈپ يىغلاۋاتىدۇ .
ئاباي بولۇنغان گەپلەر بۇ قىزنىڭ يۈرىكىگە مىخلاۋاتىدۇ .
پارتلاپ چىقتى ، بۇ قىزنىڭ قالمىدى سەۋر تاقىتى ،,
تۈنۈگۈنكى شېرىن يىگتى بولۇپ قالدى بۇرۇنقى مابتى مۇھەببىتى .
ئۆلەي دېسە تېخى كۈلەي دېسە تېخى ياكى بېشىنى تاشقائورالمايدۇ ،,
ئويلىماي بولدى دەپ زارلايدۇ ، لېكىن خىيالنى باشقۇرالمايدۇ .
دەردىنى ئىچىدە بىلىدۇ ئۇ قىزنىڭ بۇنداق ئۆتكۈسى يوق .
كۆزدە لىق ياش لېكىن ياشلىرىنى ھېچكىمگە تۆككىسى يوق .
خىيال سۈرىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، لېكىن كاللىسى قۇرۇق .
دىققەت قىلماس بولدى ئۆزىگە . ئۇنىڭدىكى ھەر خىل تۇرۇق .
ئويلايدۇ چۈشۈم بولسا بىرەر قېتىم قورقۇپ كەتسەم .
ئەمەلىيەتكە يۈزلەنگۈسى يوق ، بۇ تۇرمۇشتىن يوقاپ كەتسەم .
كاللىسى ئېچىلدى بىرەرسىگە ئۇنداق قىلىش ئەرزىمەيدۇ ،,
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىز بىرەرسىگە چىن كۆڭلۈڭنى بەر دېمەيدۇ ،,
گىرىمنى قىلدى سۈرتىۋېتىپ ئېقىۋاتقان تارام ياشنى .
يېرىم ئوچۇق كىيىنىۋېلىپ كېچىلىك كۇلۇپقا قاراپ ماڭدى ،,
سەندەك بىرسىنى كۆرگۈم يوق .
سەندەك مېنىڭ يايرىم يوق .
بۇنداق سۆيگۈنى تۈگىتىۋەت .
بولدى ئەمدى تۇرمۇشۇمدىن كەت 。
歌词滚动贡献者:AbdiEliy