Lyrics: Umut Nuri
Music: Umut Nuri
سەنسىز تاڭلىرىم رەڭگى سۇلغۇن،يۈرەك شۈكلەپ قالدى.
كۆزلىرىمدە يانغان سېغىنىش مېنىڭ تېنىمنى كۆيدۈرەتتى.
يۈرەك يوللىرىڭنى ئىزدەپ كەزدى،
ھەر بىر نەپەسىم سېنى چاقىرىپ ۋاقىتىنى تولدۇردى.
يوللار ئارقىڭدىن غەزەل ئېيتار،شامال سېنى سورار.
يۇلتۇزلار ھەم ئىسمىڭ بىلەن تۈندە چىراغ ياقار.
باھار گۈللىرى سېنىڭ ھىدىڭنى ئېلىپ كىلىدۇ.
قەلبىمدىكى بوشلۇق پەقەت سەن بىلەن تولىدۇ.
بۇلۇتلار ئۈستىدە ئسمىڭ يېزىلغان،مەن يازغان غەزەللەر،
كۈتۈشتىن چارچىمىغان دىلىم سېنى چاقىرار.
ھاياتقا ئېيتىقان سۆزلىرىڭ مېنىڭ يۈركۈمنى ئىللىتار.
تۈن بويى سېنى ئىزدەپ سېغىنىش يۇلتۇزم يانىدۇ.
سېغىندىم سېنى يۈرەكىمدىن ئەبەدىي.
كەلمىسەڭ ھەم مەن سېنى ئەسلەيمەن.
سەنسىز بۇ ھاياتىمنىڭ ھەر نەپەسىدە،
مېنىڭ كۈيلىرىم مەڭگۈ سەن ھەققىدە.
قولۇڭنىڭ ئىسسىغىنى شامال يەتكۈزەلمەس،
پەقەت سوغۇق نەپەسنى ماڭا قايتۇرار.
ئايرىلىشنىڭ جاراھىتىنى ھەم يېپىلمىغان.
تۈنلەرىمدە سېغىنىچ يۇلتۇز بولۇپ يانىدۇ.
خەتلىرىڭ مەن ئۈچۈن يۈرەكىمنىڭ بىر پارچىسىدۇر،
ئوقۇغاندا سىمايىڭ قەلبىمنى سىيلايدۇ.
قەيەردە بولساڭ ھەم مېنى ئۇنۇتمىغىن.
مەن سېنى ئاخىرىقى نەپەسىمگىچە ئاسىرايمەن.
سېغىندىم سېنى يۈرەكىمدىن ئەبەدىي.
كەلمىسەڭ ھەم مەن سېنى ئەسلەيمەن.
سەنسىز بۇ ھاياتىمنىڭ ھەر نەپەسلىرىدە،
مېنىڭ كۈيلىرىم مەڭگۈ سەن ھەققىدە.
يوقلۇقۇڭدا ھايات رەڭسىز بولۇپ قالىدۇ،
قۇياش چىقماي تاڭلىرىمدە قالدىم.
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سېنى ئىزدەپ يۈردۈم.
يۇلتۇزلار سېنىڭ كۆزلىرىڭدەك ياندى.
سېغىندىم سېنى يۈرەكىمدىن ئەبەدىي.
كەلمىسەڭ ھەم مەن سېنى ئەسلەيمەن.
سەنسىز بۇ ھاياتىمنىڭ ھەر نەپەسلىرىدە،
مېنىڭ كۈيلىرىم مەڭگۈ سەن ھەققىدە.
سەنسىز تاڭلىرىم رەڭگى سۇنىدۇ،
سېغىنش يۇلتۇزۇم ھەم يانىدۇ.