تاغ سۇلىرى
ئېگىز ئېگىز تاغلار بويلاپ ئاققان شوخ سۇلا ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ دىلدا ئارزۇلار قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتار گەپلىرىم تولا ياشلىق چېغى بويلىرىڭدا يارىم ئىككىمىز گۈللەر تېرىپ دوست بولۇشقان يېنىپ ئىشقىمىز سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز تاغ سۇلىرى سېنى كۈيلەپ قوشاق قاتايمەن گۈلباغلار ئارا قېنىپ ئاقايمەن دولقۇنلىرىڭدا باغرىم ياقايمەن ئەستىن چىقماس شۇ بەختىيار ، شۇ گۈزەل چاغلار ۋەدىمىزدىن بوستان بولۇپ ياساندى باغلار ئۆتتى يىللار بويلىرىڭدا قالدى كۆپ ئىزلار