Sini Sahlayman(在等待着你)

Lyrics: Muhtar Bughra Music: Namalum Arranger: Muradel Abdusalam سېنى ساقلايمەن سۆزى :مۇختەر بۇغرانىڭ ئاكورتلاشتۇرغۇچى:مۇرادىل ئابدۇسالام تۇيدۇرماي ئۆتىسەن يېنىمدىن ئاستا. يۈرەگىم بېتىدە سېنى ساقلايمەن. بىر قۇر خەت يازماقچى بولۇپ يېڭىدىن، خاتىرەم بېتىدە سېنى ساقلايمەن. ئاي تولغان كېچىدە سېنى ساقلايمەن، يۈرەگىم بېتىدە سېنى ساقلايمەن. (مۇزىكا) قەلبىمگە سىغدۇرماس بولدۇم سىرىمنى شۇ سىرنى بىلەلمەي سېنى ساقلايمەن. خاپا بولغان تۇرۇپمۇ شادىمان يۈرسەم، يىغلىماي كۈلەلمەي سېنى ساقلايمەن. ئاي تولغان كېچىدە سېنى ساقلايمەن، يۈرەگىم بېتىدە سېنى ساقلايمەن. (مۇزىكا) سەنەمنىڭ كوچىسى سەن ماڭغان كوچا، غېرىپلىق تۈنىدە سېنى ساقلايمەن. سەن ماڭغان كوچىدا سېنى ساقلايمەن، سىرلىرىم ئىچىدە سېنى ساقلايمەن.