Lyrics: Wayiz
Music: Wayiz
Arranger: Wayiz
prod by lan james
hook
تونۇش پۇراق تونۇش ئاھاڭ،،دا
ناتوتۇش ئۆزەمگە ئەينىكى سايام،ئا
قايتىنالغان تۇرمۇش،ئىچىدە قاپسىلىپ،
ئارزۇ ئارمان غايە ئۈمۈد كۆپۈككە ئايلىنىپ،
2x
verse1
ئىسمىم قەيسەر تەخەللۇسۇم ۋاھىز،
يېڭى بازاردا چوڭ بولغان كوچىدىكى،شائىر،
مەدداھ ئەمەس،قوشاقچى ئەمەس،ئاددىي بىر رەپچى،
بومبەپ ئۇدارغا ،چىلىنغان مۇڭلۇق ساكىس،
چىراقلار يانغان كېچە ئاينىڭمۇ يورىقى بار
تاڭ ئاتسا قوياشمۇ ھارارەتنى چاچقاندا،
ئالدىراش كىشىلەر ئالدىراش ئىشلەپلا
ئالدىراش يۈگەنىنى،تېنىمسىز كىشنەپلا،
بەزىلەر يىغلايدۇ،يالغۇز كېچىدە قەلبى ھېجران،
بەزىلەر ئۇخلايدۇ،قارىماققا بەك چارچىغان،
بەزىلەر ئۇيقۇ يوق، خىيالنىڭ ئىچىدە،
يەنە بەزىلەر ئوينايدۇ،قاۋاقتا كېچىدە،
بولدى قىلە تويۇپ كەتتىم، بۇ ئاقماس تۈك ئىشلارغا،
ئۆش بوپ كەتتىم قاترۇپ كىيىپ كۈندە ئىشقا بېرىشقا،
ئۆش بوپ كەتتىم،ماشىنا ئادەمدىك كونتىرول بولۇشقا،
ئۆش بوپ كەتتىم ساختىلىق،ياسالمىلىق، تولغان جايغا،
hook
تونۇش پۇراق تونۇش ئاھاڭ،،دا
ناتوتۇش ئۆزەمگە ئەينىكى سايام،ئا
قايتىنالغان تۇرمۇش،ئىچىدە قاپسىلىپ،
ئارزۇ ئارمان غايە ئۈمۈد كۆپۈككە ئايلىنىپ،
verse2
قەلىمىم كونا ئەمما ،ئىدىيە ھەممىنىڭ ئالدىدا،
بەك كۆپ ئىشلار،دېگۈسىز، يۈرەكنىڭ قېتىدا،،
ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىمىزنىڭ دەردى بار،
يىتىپ ئاشىدۇ،يىغىپ كەلسەم بىر كىتاپ يېزىشقا،
ئاغىينەم دەپ نەچچە كېچە،ئۆيگە كىرمەي تۈنەپ يۈرگەن،
جان ئاپامنى زار قاقشىتىپ،كۆزلىرىنى نەملىگەن،
قېنى شۇ ئاغىينەم،قېنى ئۇ قىزچاق يۈرەكتىن سۆيگەن
ھەممىسى شۇ،ھاياتتىكى ئۆتكۈنچى مېھمانكەن،
ئاقمايدىغان مۇناسىۋەت ئاقمايدىغان ئىشلار،
نەپ تەگمىسە ئىزدەشمەيمىز،ناتونۇش يېقىن دوستلار،
ئۇرۇق تۇققانمۇ ئەسقاتمايدۇ، نەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،
ئۆزەڭگە تايان دەپ، ئەزەلدىن،،ئۆزەڭگە تەكىتلە،
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،ئىككىلەنمە قورىقما،
ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كېتىدۇ دەپ ئۆزەڭنى ئالدا،
ئوغلۇڭلارنى كەچۈرۈڭلار قەدىرلىك ئاپا-دادا،
بىر كۈنلەرى كېتىپ قالسام،ئۇنتۇپ قالام مېنى دۇنيا،