kumdiki qiqak

Music: Reyimjan-Abdukeyum تۇغۇلدۇم ئانا مېھرىنى كۆردۈم ، ھاياتنىڭ گۈلشەن بېغىدا كۈلدۈم . مېھرىگە قانماي غەمگۈزار كەتتى ، يىتىملىق سەرسان دېغىدا كۆيدۈم، مۇھەببەت ئىزلەپ قامەتنى سۆيدۇم ، ساداقەت ئەمەس نامەرتنى كۆردۈم. غۇنچىدەك تۇرۇپ بولغىنىم ئانا، كۈتۈرۈپ يۆگەك يىگانە يۈردۈم. سەبىيلىك كەتتى ياشلىقىم تېخى، كۈلكىسى ئەزىز ئۆمۈرنىڭ چېغى. ھاياتقا قەلبىم ئۈزۈلمەس رىشتە، بۇلبۇللارگۈلسىز بەختىمنىڭ بېغى. ئېيتسىمۇ چۆچەك كۆيىدۇ يۈرەك، بۇ ھايات گۈزەل ھاياجان ئىستەك. يىشىمنى سۈرتۈپ سۆيىمەن تەكرار ئوخشايدۇ ماڭا قومدىكى چېچەك .