بىلەمسەن نىچۈن ساڭا ئاشىقمەن،
ئاڭلا سۆزۈمدىن قەلبىمنى دىلدار.
بەختىمدۇر سىنى تاللىشىم چۈنكى،
نە ھالدا بولسام يېنىمدا سەن بار.
كۈتكەن يېرىڭدىن چىقمىدىم بەزەن،
كۈلۈپ يۇقاتتىڭ ئازارلىرىمنى.
مەن ئۈچۈن ئۇرغان يۈرىكىڭ بىلەن،
بىلىپ تۇرىسەن خىياللىرىمنى.
سۆيگۈ بارمۇ ئېيت بۇنىڭدىن گۈزەل،
سەندىن ئارتۇقى ماڭا بېكىرەك.
بولغاچقا ئۆمرۈڭ سۆيگۈمگە بەدەل،
شۇ سەۋەپ ساڭا ئاشىق بۇ يۈرەك