Way Daday / 跳舞歌曲

Arranger: Dilmurat Abdusalim Lyrics: Dilmurat Abdusalim ئۆگزەمگە توخۇ چىقتى.   ۋاي دادەي تاخ دىسەم توپا چۈشتى  يارنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋاي دادەي  مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا چۈشتى ۋاي دادەي  سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشتى  زاراڭزىيۇ زاراڭزا ۋاي دادەي  ئېچىلىپتۇ ھەر ياڭزا ۋاي دادەي ئېچىلىپتۇ ھەرياڭزا  ھېچ كىشىگە كۆيمەيتتىم ۋاي دادەي  سىزگە كۆيدۈم بالاڭزا.   چىڭگىلىككە چىڭگىلىك ۋاي دادەي  يارنىڭ باغى چىڭگىلىك.   سۆيسە مەندەك سۆيگۈلۈك ۋاي دادەي.   سۆيمىسە بويتاق يۈرگۈلۈك.   ئۆگزىمگە تولا چىقىپ ۋاي دادەي  چەللەمنى كاما قىلما. ۋاي دادەي چەللەمنى كاما قىلما  سەندىن باشقا يار تۇتتۇم ۋاي دادەي  ئەمدى سەن تاما قىلما.  ئۆگزەمگە توخۇ چىقتى.   ۋاي دادەي تاخ دىسەم توپا چۈشتى  يارنىڭ تەقدىرى بىلەن ۋاي دادەي  مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا چۈشتى ۋاي دادەي  سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشتى