Lyrics: Muhemmet Emin
Music: Muhemmet Emin
Arranger: Emam Ablimit 依马木·阿不力米提
بۇ ھاياتلىق ئالار بىزدىن تالاي ئىمتىھان
بىز ھاياتقا جاۋابىنى بىرىمىز ھامان
ئىرىشسەكمۇ قانچىلىك شان-شەرەپكە بىراق
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان
ئىرىشسەكمۇ قانچىلىك شان-شەرەپكە بىراق
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان
مۇزىكا
ئادىمىيلىك شاھ-تاجىدەك ھايات يولىدا
نەگە بارساق ئەزىز قىلار بىزنى شۇ جايدا
نەگە بارساق ئەزىز قىلار بىزنى شۇ جايدا
ئۇندىن ئارتۇق قەدىر-قىممەت يوقتۇر جاھاندا
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان
ئۇندىن ئارتۇق قەدىر-قىممەت يوقتۇر جاھاندا
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان
مۇزىكا
ئالىم بولۇش مەجبۇرىيەت ئەمەستۇر بىزگە
ئادەم بولۇش زۆرۈر ئەمما ھەر-بىرىمىزگە
ئادەم بولۇش زۆرۈر ئەمما ھەر-بىرىمىزگە
ياشايلى بىز يۈز كەلگۈدەك ئۆز-ئۆزىمىزگە
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان
ياشايلى بىز يۈز كەلگۈدەك بۇ ئۆمرىمىزگە
ئىنسان ئۈچۈن ئادىمىيلىك ئەڭ بۈيۈك ئۈنۋان