Lyrics: Yasin Muplul Music: Yasin Muhpul Arranger: nurzat sattar تىڭىرقىدىم مەنزىل ئارا ، ئازغۇن بولۇپ يۈردۈم ئۇزاق . گەر يىقىلسام ئەللەيلىدى، باشىم سىلاپ ئانا تۇپراق. قول ئۇزارىتسام باغرىڭغا مەن، يۈرۈگۈمنى قاپلاپتۇمۇز. ھەسرەت تارتىپ قىلدىم نىدا، كار قىلمىدى ھىچبىرتومۇز. قىزدۇرسىدى مىڭلاپ قۇياش ، گويا شامدەك ئىرىپ كەتسەم . ئالتۇن زىمىن قۇچاغىغا، يامغۇر كەبى سىڭىپ كەتسەم . قىقىنۇستەك تۆرەلسەم بىر ، تولسا قەلبىم مۇھابەتكە . ئۆرتەپ بارچە غاپىللىقنى، ئېرىشەتتىم ھىدايەتكە.