Lyrics: RiTSAR
Music: RiTSAR
Arranger: KSC
« ئاشىق زارى »
كۆزۈم ئوچۇق دىلىم پۇچۇق ئەتراپ تىمتاس قاراڭغۇ ،
مەشۇقۇمنى ئويلاۋاتىمەن چىرايىم بەك ياداڭغۇ .
دەرىزىدىن يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ ياتماقتىمەن ،
ھالىمنى كۆرگەنلەر دېدى : _« بۇ ئاشىق دىگەن ساراڭغۇ !»
X2
باغدا گۈللەر بولمىسا بۇلبۇل كېلىپ سايرىماس ،
سەن يارىمنى كۆرمىسەم يۈرەك باغرىم يايرىماس .
ھەركۈنى سېنى كۈتتۈم ، كۈتۈش ئىچىدىلا ئۆتتۈم ،
يىتەيلى بىز ۋىسالغا ھېچكىم بىزنى ئايرىماس .
تۈن كىچىدە بىر يىگىت يۇلتۇز ساناپ ياتماقتا ،
كۆزلىرىدە ئۇيقۇ يوق تاڭلار ئۇلاپ ئاتماقتا .
يىراقتىكى نىگارنى ، ئويلاپ يېتىپ ھەركۈنى ،
مۇھاببەتنىڭ ئىشقىدا قوشاقلارنى قاتماقتا…
ئالما ئاتسام دەرياغا لەيلەپ تۇرىدۇ چۆكمەيدۇ ،
سەن يارىمنىڭ ئوتلارى كۆيەپ تۇرىدۇ ئۆچمەيدۇ .
بولغاچقا سەن يىراقتا ، قىينالدىم مەن پىراقتا ،
بىر سەن ئۈچۈن كۆيگەن بۇ ئوت باشقىغا كۆچمەيدۇ .
ئۇچراشقاندا كۆزىمىز ، خىجىل بولۇپ يۈزىمىز ،
ھەرقېتىم پاراڭلاشقاندا تۈگىمەيتتى گەپ-سۆزىمىز .
پاك نىشانىمىز توي قىلىپ ئاندىن بىر ئۆيگە كىرىمىز ،
ئايالىم بولىسىز گۈلۈم ، مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز .
كۈتەيلى بىز شۇ كۈنلەرنى سىز مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ،
چوڭلار بېرىپ تويلۇق سېلىپ ئىككىمىز توي قىلغىچە .
يۈرەيلى بىز ئاخىرغىچە ، چاچلارغا ئاق كىرگىچە ،
ئۆتەيلى بىز قەدىرلىشىپ تىنىقلىرىمىز توختىغىچە .
ئاڭلا دۇنيا !! ئاشىقلارنىڭ زارىنى…
ئايرىۋەتمە چىن يۈرەكتىن سۆيگەنلەرنىڭ يارىنى…
مەندە بارى پاكىز يۈرەك ، سىزگە زادى نىمە كىرەك ؟
مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلسىڭىز بولاي سىزگە ئارقا تېرەك .
قەلبىڭىز ساپ قانائەتچان چۈنكى سىز ئەقىللىق زىرەك ،
سىز بىلەن ئۆتكۈم بار بىرئۆمۈر بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىلەك .
سۆيگۈنۈم سەن بەك يىراقتا…
كۆيگۈنۈم مەن ئوت پىراقتا…
ئىللىق يۈزۈڭ ، مۇڭلۇق سۆزۈڭ ،
شەھلا كۆزۈڭ ، ئاشىق ئۆزۈم .....