Kozum Yolungda

Lyrics: XRZT  يارىم كەتتى يىراققا قايتىپ كېلەمدۇ  سەن ئۇياقتا مەن بۇياقتا ئۆمرۈم ئۆتەمدۇ  كەل مېنىڭ جېنىم يولۇڭدا كۆزۈم ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ  يار ئىشقىڭدا خەندان ئۇردۇم پەرۋانە بولۇپ  سۆيگۈڭ ئوتىدا كۆيدۈم يۈرەك مىڭ پارە بولۇپ  مەن كۆيدۈم يار ئوتۇڭدا ۋاي مىڭ دانە بولۇپ  مەن سېغىنسام ئايغا باقتىم چىرايىڭ قېنى  يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقسام ئاياندۇر سىرى  كەل مېنىڭ جېنىم يولۇڭدا كۆزۈم ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ  مەن بارايمۇ سەن كېلەمسەن سېغىندىم سېنى  ئالتە يازمۇ ئۆتۈپ كەتتى قىينىدىڭ مېنى  كەل مېنىڭ جېنىم يولۇڭدا كۆزۈم ۋاي ۋاپادارىم ئۆزۈڭ