Lyrics: Tumurhan-Rozi
Music: Tumurhan-Rozi
Arranger: Tumurhan-Rozi
تاڭ ئاتقۇچە سېنى كۈتەرمەن
كۈن پاتقۇچە سېنى كۈتەرمەن
ھالاك بولۇپ ھېجراندا ئەگەر
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن
كېلىپ تۇرسا يازغان خەتلىرىڭ
بىلىنمەيدۇ تاتقان دەتلىرىم
ئۆلمەس ئەمما خىيال كەپتىرىم
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن
سەنسىز قاناپ قاقمايدۇ كۆڭلۈم
ئۆزگىلەگە تاتمايدۇ كۆڭلۈم
ياتقا ئىشىك ئاشمايدۇ كۆڭلۈم
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن
تېپىلمايدۇ ماڭا سەندەك يار
كەڭرى ئالەم سەنسىز ماڭا تار
تاغلىرىمغا چۈشكەندىمۇ قار
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن