Lyrics: Sapaxan Polat
Music: Xaris Ashirof
Arranger: Senuber Tursun
قىز قوشىقى
ئىشقا ماڭغان چېغىمدا جانىمەي،
كۈن چىقىپتۇ ئاسماندا.
بادام دوپپا تىكتىممەن،
گۈزەل يارىم ئىشچانغا.
دۇتارىمنى چالىمەن،
يارىم ئامراق ناخشىغا.
ئىشچان يارىم قىسسۇن دەپ،
گۈل تېرىدىم باغچىغا.
باھار كېلىپ، ياز بولۇپ،
كاككۇك قۇندى تېرەككە.
كۆڭلۈم زادى ئۇنىماس,
سەن يارىمدىن بۆلەككە.