Lyrics: Dilnar-Kaysar
Music: Dilnar-Kaysar
Arranger: Dilnar-Kaysar
Lyrics: 无,
Music: 无。
قەيسەرمەن دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپ ،
گاھى يېقىلسام گاھىدا تۇرۇپ .
گاھى قالدى يانچۇقلار قۇرۇپ،
مېنى ئەجەب مەس قىلدىڭ ھايات.
ئويلاپتىمەن ئۆزگىنى مەن بەك،
دوسلىرىم بار خۇددى بىر تەندەك.
پۇل ئىكەنغۇ ئۇلارغا قەندەك،
مېنى ئەجەب مەس قىلدىڭ ھايات.
ئۈمىدىمنى شۇنداق سۇندۇرۇپ،
ئىشقى ئوتىدا قەدەھ تولدۇرۇپ.
قالدىمغۇ مەن يالغۇز ئولتۇرۇپ،
مېنى ئەجەب مەس قىلدىڭ ھايات.
ئۆكۈنمەيمەن ماڭغان يولۇمغا،
سۇ بېرەلمەس ئۇلار قولۇمغا.
بولالمىدى دادام تويۇمدا،
مېنى ئەجەب مەس قىلدىڭ ھايات.