Kalmiding

Music: izhar-Muhtar ساقلىدىم نىگار سېنى ئېيتقان قاراردا كەلمىڭ، ئاي ئۆچۈپ بولدى غۇۋا ھەم تاڭ ئاتاردا كەلمىدىڭ. زارىقىپ ۋەسلىڭگە مەن ھىجراندا چىقتىم ئۇخلىماي، ئويغىنىپ تاڭ پەيتىدە نامە يازاردا كەلمىدىڭ. كەلدى باھار ئاققۇمۇ ھەم كەلدى بىرلە پەر قېقىپ، تالى -مەجنۇن سۇمبۇلە كەلدى قاتاردا كەلمىدىڭ. ئۈركۈدى تاقەت قۇشۇم شۇندىمۇ سەۋرەمدىمەن، بىر ئىشىق تىلدى ئىچىمنى جاننى ئالاردا كەلمىدىڭ. بۇ غېرىپ جانىم شېكەستە ئاھ ئۇرۇپ ئاۋارىمەن ، تەركى ھىجران ۋەسلى بىرلە باغرىم ياراردا كەلمىدىڭ