Lyrics: 咔迩-kader/Abduzaer~Mamut
Music: 咔迩-kader/Abduzaer~Mamut
Arranger: 咔迩-kader/Abduzaer~Mamut
ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى شامال
سېنى يەنە ئىسىمگە سېلىپ
ئايمۇ غەمكىن گويا مەندەكلا
تۇرار مەيۇس بوينىنى قىسىپ
نىمىشقىكىن شۇنداق كۈنلەردە
سەن يادىمغا يىتىسەن ئاۋۋال
پىچىرلايمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن
ئۆرتەيدىكەن دىللارنى ئەلەم
يۈرەك كۈنسە بىراۋغا ئەگەر
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم
ھەي شامال ھەي شامال
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال
ھەي شامال ھەي شامال
سىرلىرىمنى يەتكۈزسۇن شامال