Lyrics: Zikir
Music: Zikir
Arranger: Zikir
后期:Dhino
Backing Vocals: Dhino Kami
چۈشمەكتە قار گۈلى ئاستا قونۇپ مەڭزىمگە
تەسەللي بەرمەكتە ھەم يانە يارا بولغان كۆڭلۈمگە
قېنى بەرگەن ۋەدىلەر
قېنى كۈتكەن ئەتىلەر
قېنى سۆيگۈمىزگە گۇۋاھ بولغان ئاشۇ كېچەلەر
قېنى كۆيگەن كۆڭۈللەر
قېنى سۆيگەن شۇ لەۋلەر
قېنى ئايرىلمايمىز دېيىشكەن شۇ ۋەدىلەر
چۈشمەكتە قار جىمجىت شەھەردە
كەتتىڭ تاشلاپ قالدىم يىگانە
سېنىڭسىز تۇرمۇش ماڭا نىم مەنە
نە ئىلاخ مەندە نە چارە
قار بىلەن تەڭ يۈرەگىم مۇزلىدى
كۆز ئالدىمدىن سىمايەڭ سۇسلىدى
قىينىما ئەسلىمىلەر بولدى بولدى ئەمدى بولدى
تىلەيمەن زىمىستاندىن باھارنىڭ ئىللىقىنى
شۇ قار بىلەن تەڭ ئېرىتىپ يوقاتسا ھەممىنى
كېلىدۇ قارلىغاچمۇ سېغىنىپ باھارنىڭ خۇش ھېدىنى
ئەمما سەن كەتتىڭ مەن يوقاتتىم باھارنى
چۈشمەكتە قار جىمجىت شەھەردە
كەتتىڭ تاشلاپ قالدىم يىگانە
سېنىڭسىز تۇرمۇش ماڭا نىم مەنە
نە ئىلاخ مەندە نە چارە